Chinese→UyghurMain Dictionary
塔布拉
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
تەبىلۋاز
بۇ قەدىمكى زامان تىپىدىكى چالغۇلارنىڭ ئەزاسى. دۇمباق ئىنسانلار تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن كەشىپ قىلىنغان ۋە تارىختىكى خىلمۇ خىل چالغۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس ياراتقان.
تەبىلۋاز دۇمباق تىپىدىكى ئەڭ قەدىمكى سوقما چالغۇ بولۇپ، ئەينى زامانلاردا ئۇنىڭ جەڭ تەبلىۋىزى ۋە نەغمە تەبىلىۋىزىدىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بولغان. جەڭ تەبلىۋىزى ئۇرۇشلاردا ئىشلىتىلگەن. ئۇ كۆپىنچە بويۇنغا ئېسىپ ئالدىغا توغرىسىغا ساڭگىلىتىش بىلەن ئىككى قول ئارقىلىق ئىككى تەرەپتىن ئۇرۇپ، مېڭىپ تۇرۇپ چېلىناتتى ۋە تەنتەنە قىلىشقا ئىشلىتىلەتتى. نەغمە تەبلىۋىزىنى چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، تېقىمىغا يانتۇ قويۇپ، ئىككى قول بىلەن ئىككى تەرىپىدىن ئۇرۇپ چېلىش ئارقىلىق مۇزىكا - ئۇسسۇللارغا تەڭكەش قىلاتتى. ھازىرقى چوڭ تەبلىۋازلارنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 35 سانتىمېتىر، چوڭ بېشىنىڭ دىئامېتىرى 25 سانتىمېتىر، كىچىك بېشىنىڭ دىئامېتىرى 20 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. تەبىلۋازنىڭ چوڭ - كىچىك ھەمدە ئىككى تەرەپتىن ۋە بىر تەرەپتىن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان ئىككى خىل شەكلى بار. ئىككى تەرەپتىن چېلىنىدىغانلىرىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى ئوخشاش ياسىلىپ تېرە كېرىلىدۇ. بىر تەرەپتىن چېلىنىدىغانلىرىنىڭ بىرلا تەرىپى چوڭ، يەنە بىر تەرىپى كىچىكرەك ياسىلىپ، چوڭ تەرىپىگە تېرە كېرىلىدۇ. ھازىرقى تەبلىۋازلارغا ئاساسەن ئات ۋە ئېشەك تېرىلىرى قاپلىنىدۇ.
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
تەبىلۋاز
ۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ بىر تەرىپى چوڭ، يەنە بىر تەرىپى كىچىك ياسىلىپ، چوڭ تەرىپىگە تېرە كېرىلىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئىككىلا تەرىپى چوڭ، ئوتتۇرىسى ئىنچىكرەك ياسىلىپ، ئىككى تەرىپىگە تېرە كېرىلىدۇ ھەمدە چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، پۇتنىڭ ئۈستىگە يانتۇ قويۇپ ئىككى تەرىپىدىن قول بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ. قۇمتۇرا مىڭئۆينىڭ 68 - غارىدا رەسمى ساقلانغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
tǎ bù lā
تاپلا
塔布拉〈泰〉
tǎ bù lā
تاپلا