UyghurMain Dictionary
سىزىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىنىش بەلگىلىرىنىڭ بىرى. ئىگىمۇ، خەۋەرمۇ ئىسىمدىن، ئالماشتىن بولغان جۈملىلەردە ئىگە بىلەن خەۋەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدۇ، بەلگىسى «_».
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىدىيە، سىياسىي ۋە خىزمەت جەھەتتە ئەمەل قىلىنىدىغان يول.
ئاساسىي لۇشىيەن تەربىيىسى چوڭ ئۈنۈم بەردى. پارتىيىمىزنىڭ ئىدىيىۋى لۇشيەنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت. خىزمىتىمىزدە ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىش لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يازىدىغان، سىزىدىغان ياكى يۇقىدىغان نەرسىلەر قالدۇرغان ئىنچىكە ئىز.
ئۇزۇن سىزىق. قىسقا سىزىق.
شۇخىل شەكىلدىكى يول، ئىز؛ قورۇق.
رەختنىڭ سىزىقلىرى. قول ئالىقىنىنىڭ سىزىقلىرى.
<مات> بىر نۇقتىنىڭ خالىغانچە سىلجىشىدىن ھاسىل بولغان گېئومېتىرىيىلىك شەكىل.
تۈز سىزىق. ئەگرى سىزىق. گورىزونتال سىزىق. سۇنۇق سىزىق.
ئىككى نۇقتىنى تۇتاشتۇرىدىغان ياكى ئومۇمەن مەلۇم نۇقتىلار ئارقىلىق ئۆتكەن قىياسەن لىنىيە.
ئېكۋاتور سىزىقى. ئۇپۇق سىزىقى.
مەلۇم ئىش ياكى نەرسىنىڭ چېگرىسى، دائىرىسىنى ئايرىپ كۆرسەتكۈچى چەك؛ بەلگىلىمە.
چېگرا سىزىقى. نومۇر سىزىقى.
كۆچمە. يول؛ پىلان؛ كۆرسەتمە، تاپشۇرۇق.
سىزىقتىن چىقماسلىق.
<تىل> تىنىش بەلگىلىرىدىن بىرى، يەنى رولى ئاساسەن تىرناققا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ئىزاھ بەلگىسى. كۆپىنچە ئىزاھ، بايان، چەك مە نىلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. ئادەتتە < - > بەلگىسى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىپ، سىزىقچىدىن ئۇزۇنراق تارتىلىدۇ.