UyghurMain Dictionary
سىزغۇردى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سىزدۇردى، ئېرىتتى.
ئەر ياغ سىزغۇردى _ ئادەم ياغ ئېرىتتى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق ( سىزغۇرۇر _ سىزغۇرماق). شۇنىڭدەك، قىزىتما (بەزگەك) كېسەل كىشىنى سىزدۇرۇۋەتسىمۇ (زەئىپلەشتۈرسىمۇ) « سىزغۇردى» دېيىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كۆڭلى كۆيۈپ قانى قۇرىپ ئاچىپ قاتغۇرار
سىزغۇرغالىر ئۈزىكلەر ئەسسىز يۈزى بۇرقۇرار
يۈرەك- باغرى كۆيۈپ، قېنى قۇرۇپ، ئاغزىنى ئېچىپ قاقاقلاپ كۈلدى،
ئىشقى - مۇھەببەت سەۋداسى ئۇنى سىزدۇرۋېتەي دېدى، ئىسىت، ئۇنىڭ سۇنغان چىرايىغا.
ئاشىق خەلقنىڭ يېنىدا ئاغزىنى ئېچىپ قاقاقلاپ كۈلسىمۇ، ئۇنىڭ يۈرىكى كۆيگەن، قېنى قۇرىغان؛ ئىشق ئۇنى زەئىپلەشتۈرمەكتە، ئىست، ئۇنىڭ سۇنغان چىرايىغا.
2 - 268