—Reference
سويا پۇرچاق
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
دۇنيادىكى يېمەكلىك مايلىرىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بىر يىللىق مايلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۇرۇقلىرىدۇر. مەسىلەن، سويا پۇرچاق (دادۇر)، ئاپتاپپەرەس، خاسىڭ، چىگىت ۋە قىچا قاتارلىقلار دۇنيادىكى يېمەكلىك مايلار ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 50 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سويا پۇرچاق مېيى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. سويا پۇرچاق ئېلىمىزدىكى تۆت چوڭ مايلىق زىرائەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
سويا پۇرچاق ئۇرۇقى (دېنى) تەركىبىدىكى ماي مىقدارى ئادەتتە18 ~20 پىرسەنت بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى تويۇنمىغان ماي كىسلاتالىرى، مەسىلەن، لىنولېئىك كىسلاتا، لىنولېنىك كىسلاتا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە زور مىقداردا ۋىتامىنE ،A ، D لارمۇ بار. ئۇلار ناھايىتى يۇقىرى كالورىيىگە (ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە) ئىگە بولۇپ، ئادەم تېنى ئاسان سۈمۈرۈپ پايدىلىنالايدىغان بولغاچقا، ئۇلار تەركىبىدە خولېستېرىن بولمىغان ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك مېيى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن، ھايۋانات مېيىنىڭ ئورنىغا سويا پۇرچاق مېيىنى ئاساس قىلغان ئۆسۈملۈك مايلىرىنى ئىستېمال قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشماقتا.
ئېنگېلسنىڭ «ئاقسىل − ھاياتلىق دېمەكتۇر» دېگەن مەشھۇر سۆزى بار. سويا پۇرچاق ئىنسانلارنى ئەلا سۈپەتلىك مول ئاقسىل بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، سويا پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى ئادەتتە38 ~% 40كە يېتىدىكەن، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ %50 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇغداينىڭكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە، كۆممىقوناق ۋە گۈرۈچنىڭكىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. گۆش ۋە تۇخۇملارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا1 كىلوگرام سويا پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىل2 كىلوگرام كالا گۆشى،3 كىلوگرام توخۇ تۇخۇمى،4 كىلوگرام قوي گۆشى تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارىغا توغرا كېلىدىكەن. سۇن جۇڭسەن ئەپەندى «گۆشنىڭ ئورنىغا پۇرچاقنى يېمەكلىك قىلىشنى جۇڭگولۇقلار كەشىپ قىلغان» دېگەنىدى.
سويا پۇرچاق پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ئۆسۈملۈك. مۇرەككەپ يوپۇرمىقىدا ئۈچ تال كىچىك يوپۇرمىقى بولىدۇ. گۈل رېتى قىسقا ئومۇم گۈل رېتى بولۇپ، گۈلى ئاق ياكى سۆسۈن رەڭلىك بولىدۇ. كېپىنەكسىمان گۈل تاجىسى ۋە چوكا مېۋىسى بولىدۇ. ئۇرۇقى ئېللىپس شەكلىدە بولىدۇ. ئۇرۇق پوستىنىڭ رەڭگىگە قاراپ سېرىق پۇرچاق، كۆك پۇرچاق ۋە قارا پۇرچاق دەپ ئايرىلىدۇ.
سويا پۇرچاقنىڭ يىلتىز قىسمىدا نۇرغۇنلىغان شار شەكىللىك يىلتىز تۈگۈنچىلىرى بولۇپ، ئىچىدىكى يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىلىرى ھاۋادىكى ئەركىن ئازوتنى سۈمۈرەلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئازوتلۇق ئوغۇتقا ئايلاندۇرالايدۇ. بىر مو يەردىكى سويا پۇرچاق ئادەتتە تەخمىنەن6 كىلوگرام ئازوتنى تۇراقلاشتۇرالايدىغان بولۇپ، بۇ30 كىلوگرام ئازوت ئوغۇتى (ئاممونى سۇلفات) بىلەن ئوغۇتلىغانغا باراۋەر كېلىدۇ. شۇڭا، دېھقانلار «پۇرچاق يەرنى مۇنبەتلەشتۈرىدۇ، قوناق يەرنىڭ كۈچىنى تارتىدۇ» دېيىشىدۇ.
سويا پۇرچاق سانائەتنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەم تېببىي دورىگەرلىك ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ خام ئەشياسى بولغان گېلىتسىن ئېلىشقا، ھەم قۇيمىچىلىقتا قېلىپلارنى سىلىقلاشتۇرغۇچى ماي ئېلىشقا بولىدۇ. پۇرچاق مېيىنى بېلىق مېيى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ئالىي دەرىجىلىك سىلىقلاش مېيى ئىشلەشكە بولىدۇ. ئۇ يەنە سىر، سۈنئىي كاۋچوك (رېزىنكە)، سۈنئىي بېنزىن، سۈنئىي قوي يۇڭى، ئالىي دەرىجىلىك نىلون، سۈرەتكە تارتىش پىليونكىسى، سوپۇن، پارتلاتقۇچ دورا قاتارلىقلارنى ياساشتىكى مۇھىم خام ئەشيا ھېسابلىنىدۇ.