Uyghur←ChineseMain Dictionary
سېۋېرۇس
دۇنيا تارىخى
塞维鲁
sāi wéi lǔ
(مىلادى 146 - 211) قەدىمكى رىم پادىشاھى (193 - 211). سېۋېرۇس خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. شىمالىي ئافرىقىدىكى لېپتى دېگەن جايدا تۇغۇلغان. ماركوس ئاۋرېليوس ۋە كانماۋدتىن ئىبارەت ئىككى پادىشاھلىقنىڭ قول ئاستىدا قوشۇنلارغا قوماندانلىق قىلغان. پانتونىيە ۋە ئىللىرىيە مەمۇرىي ئۆلكىلەرنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە. قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن پادىشاھ قىلىپ تۇرغۇزۇلغان (193- يىلى). رىم شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن قارشى كۈچلەرنى كەينى - كەينىدىن يوقاتقان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىپ، مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن. يېڭى جۈنتۇەن قۇرغان. ھەربىيتەمىناتنى كۆپەيتىپ بەرگەن؛ رىتسارلار تەبىقىسىدىكىلەرنى ئۆستۈرۈپ، ئوفىتسېرلىققا، قوشۇمچە مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن، سىناتنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىگەن. باجنى كۆپەيتىپ، مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھوقۇقنى كۈچەيتكەن. مىلادى 194 - يىلى شەرقتە شەرقىي جۈنتۇەن تىكلىگەن پادىشاھ نېگىرنى مەغلۇپ قىلغان. 195 - يىلى شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئېفرات دەرياسىدىن ئۆتكەن. ئىككىنچى يىلى رىمغا قايتقان. كېيىن يەنە گاللىيە (بۈگۈنكى فرانسىيە) رايونىدىكى قارشى تۇرغۇچى ئالبىنىئۇسقا ھۇجۇم قىلىپ، غەلىبە قازانغان (971 - يىلى). يەنە شەرققە يۈرۈش قىلىپ پارفىيە (ئارساك) گە ھۇجۇم قىلىپ، مېسسوپوتامىيە ۋادىسىنى تازىلاپ كېتىسفوننى ئىشغال قىلىۋالغان. پەلەستىن، مىسىر ئارقىلىق رىمغا قايتىپ بارغان (202 - يىلى). ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىككى ئوغلىنى (كاراكارا ۋەگەنت) باشلاپ، برىتانىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، كالېدونىيىلىكلەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ نەتىجە چىقىرالمىغان. ئېبوراكۇم (بۈگۈنكى يورك) دا ئۆلگەن.