Uyghur←ChineseMain Dictionary
سېۋرېس شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
塞夫勒条约
sāi fū lè tiáo yuē
1920 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، تۈركىيە ئانتانتادۆلەتلىرى بىلەن فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىنىڭ يېنىدىكى سېۋرېستا ئىمزالىغان شەرتنامە. شەرتنامە بويىچە، تۈركىيە گرېتسىيىگە شەرقىي فراكىيە، ئىمروز ۋە تېنېدوس ئاراللىرى ھەم ئىزمىر (بۇرۇن سىمىرنا دەپ ئاتالغان)نى ئۆتۈنۈپ بەرگەن. سۈرىيە، ئىراق، پەلەستىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرمەنىستاندىكى بارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. ئىتالىيىگە ئېگېي دېڭىزىدىكى 12 ئارال ۋە كاستېللورىزون ئارىلىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن. لىۋىيە ۋە مىسىرغا بولغان ھۆكۈمرانلىقنى بىكار قىلغان. سېپروسنىڭ ئەنگلىيەگە قارايدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. قارا دېڭىز بوغىزى رايونىنى چوڭ دۆلەتلەر (ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە)، گرېتسىيە، بۇلغارىيە، رومىنىيە ۋە تۈركىيە ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان كومىتېت باشقۇرىدىغان، بوغۇز رايونى ئەركىن بىتەرەپ رايون بولىدىغان بولغان.شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە تۆۋەندىكى كېلىشىملەر ئىمزالانغان: (1) ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ تۈركىيەدە تەسىر دائىرىسىنى ئايرىش توغرىسىدىكى كېلىشىم. (2) گرېتسىيە، ئىتالىيەنىڭ گرېتسىيەگە 12 ئارالنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، رودئايلېند ئارىلىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ۋە 15 يىلدىن كېيىن پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشىنى يولغا قويۇشى توغرىسىدىكى كېلىشىم. (3) گرېتسىيە بىلەن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ گرېتسىيىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش توغرىسىدىكى كېلشىم. (4) ئەرمەنىستان بىلەن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئەرمەنىستاندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش توغرىسىدىكى كېلىشىم. (5) گرېتسىيە بىلەن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بۇلغارىيە بۆلۈپ بەرگەن غەربىي فراكىيىنى گرېتسىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدىكى كېلىشىم. شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيى، تۈركىيە خەلقنىڭ قارشى تۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىجرا قىلىنمىغان. كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا <لۇزاننا شەرتنامىسى> دەسسىتىلگەن.