UyghurMain Dictionary
سېۋەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تال چىۋىقتىن ياكى سىمدىن توقۇلغان، ئۈستىدە تۇتقۇچى بار سايمان، نەرسە - كېرەك سېلىش، ئېلىپ يۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
«پۇلۇق» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
«سېۋەت» چوڭراق، «قوشۇقلۇق» كىچىكرەك بولىدۇ.
«كاڭكا» خوتەن دىئالېكتىدا «سېۋەت» مەنىسىدە كېلىدۇ.
سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختايدۇ. كۇچادا خوتۇن - قىز دېھقانلار قوشۇقلۇقلاردا شاپتۇل، ئەنجۈر قاتارلىق مېۋىلەرنى ئەكىرىپ ساتىدۇ. كارزىنكا ئوتياش ئەكىرىشكە ئەپلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئىچىگە بىر نەرسە سېلىش ئۈچۈن، چىۋىق، سىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن توقۇلىدىغان قاچا.