Uyghur←ChineseMain Dictionary
سۋاراج
دۇنيا تارىخى
司瓦拉吉
sī wǎ lā jí
ھىندى تىلى بولۇپ، ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش دېگەن مەنىدە، 1905 -يىلى ھىندىستان خەلقى ئەنگىلىيەگە قارشى ھەرىكەت دولقۇنىدا ئوتتۇرغا قويغان سىياسىي خاراكتىرلىك شۇئار. ئۇ 1906 - يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ كالكوتتا يىللىق يىغىنىدا تۆت چوڭ پروگراممىنىڭ بىرى قىلىنغان. 1920 - يىلى 12 - ئايدا ناگپور يىللىق يىغىنىدا ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خەلق كونگرېسى پارتىيىسى كۈرىشىنىڭ ئاساسلىق نىشانى، دەپ ئوتتۇرغا قويۇلغان. كېيىن بارا - بارا تولۇق مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى تەلەپلەر ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن.