UyghurMain Dictionary
سۇۋائ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان، قەدىمكى ئەرەبلەر چوقۇنغان بۇتلارنىڭ بىرى (71 - سۈرىنىڭ 23 - ئايىتىگە قاراڭ). مۇفەسسىرلەرنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ۋەد، سۇۋائ، يەغۇس ۋە نەسىرىلەر بىلەن بىر قاتاردا ئادەم ئاتا دەۋرىدىكى بەش مەشھۇر شەخسنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، كىشىلەر تەرىپىدىن ئىلاھ سۈپىتىدە سەجدە قىلىنغان. ئۇنىڭغا ئاساسلىقى ھەمدان قەبىلىسىدىكىلەر چوقۇنغان.