UyghurMain Dictionary
سۇسىرىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇسسۇلۇق ئىچكۈسى كەلمەك.
<سۇسىرىماق> ھايۋان ۋە يەر - زېمىنغا قارىتىلىدۇ.
ئۇسسىساڭ سۇچىنىڭ ئۆيىگە بار. ئۇسسىغان ئېچىرقىغاندىن يامان. ئۇسسىغاننىڭ چۈشىگە شىرىلدىغان سۇ كىرەر. سۇدىن قاچقان ئۆكۈز، چاڭقاپ ئۆلەر. چۆلدىگەن ئىت قۇدۇققا باقار. تەشنا بولغان سۇ تاللىماس. ئۇسساپ ئۆپكەم قۇرۇپ كەتتى، - دېدى بوۋاي. سۇسىرىغان ئوچۇمىدا سۇ ئىچەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سۇ، ئۇسسۇزلۇق ئىچكۈسى كېلىش ھېسسى.
قانماق
ئۇسسۇزلۇق توختىماق، ئۇسسۇزلۇقتا تويۇنماق.
ئۇسسىغان ئېچىرقىغاندىن يامان. چاڭقىغان ئېيىق مۇز يالار. شارابقا قاندىم دېگۈچە، بالاغا قالدىم دېسەڭچۇ. سۇدىن قاچقان ئۆكۈز چاڭقاپ ئۆلەر. چۆلدىگەن ئىت قۇدۇققا قارار. سۇسىرىغان يەر يرىلار، سۇسىرىغان ئەر ئۇچۇمىدا سۇ ئىچەر. كۆڭۈل كۆڭۈلدىن قانار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قاتتىق سۇ ئىچكۈسى كەلمەك، سۇسىزلىقتىن قاغجىرىماق.
سەپەرقۇل قارىسا، ھەممە شاخ ئوخشاشلا قاقشال ھالەتتە سۇسىراپ تۇرغۇدەك.