UyghurMain Dictionary
سۇسا
دۇنيا تارىخى
ئېلام قەدىمكى شەھىرى. پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى. ھازىرقى ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىدىكى تىسا دەرياسى بويىغا (نىشاپورنىڭ جەنۇبىي) جايلاشقان. ئەسلى ئېلام پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى بولۇپ، ئاللىبۇرۇن ماۋارائۇننەھر ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلار بىلەن سودا، مەدەنىيەت ئالاقىسى بولغان. پېرسىيە ئىمپېرىيسى بۇ يەرگە پايتەخت قۇرغان. دارىئۇس Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە كارۋان يولى (<خانلىق يولى> دەپمۇ ئاتالغان)ياساتقان، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى، كىچىك ئاسىيا (ساردىس) ئارقىلىق ئېگېي دېڭىزى بويلىرىغىچە يېتىپ بارغان. شەھەردە مەشھۇر سۇسا ئوردىسى بار. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ۋاقىتتا كۆپ قېتىم ئاسسۇرىيە ئېمپېرىيسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنغان. مىلادىدىن 330 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيىلىك ئالېكساندر قوشۇنىنىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئۇچرىغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ئارخېئولوگلار بۇ يەردىن قەدىمىي شەھەر خارابىسى (<سۇسا بىرىنچى قەۋىتى> بىلەن <سۇسا ئىككىنچى قەۋىتى>) بىلەن ئوردىنى قېزىپ چىقىپ، مىلادىدىن 3000يىللار ئىلگىرىكى چاغلاردىكى ئېلام پادىشاھلىقى بىلەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتتىكى پېرسىيە ئىمپېرىيسى دەۋرىگە ئائىت زور تۈركۈمدىكى ئاسار - ئەتىقىلەرگە ئېرىشكەن. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى، قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىنىڭ <خاممۇرابى قانۇنى> يېزىلغان ئابىدە تاشمۇ شۇ يەردىن قېزىۋېلىغان.