UyghurMain Dictionary
سۇرا بايا مۇداپىئە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ھىندۇنېزىيىدىكى سۇرايابا خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغداش يولىدا ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان جېڭى. سۇرايابا شەرقىي ياۋانىڭ مەركىزى، ھەربىي ستراتىگىيىلىك مۇھىم ئورۇن. 1945 - يىلى 8 -ئاينىڭ 17 - كۈنى ھىندۇنېزىيە مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن 10 - ئايدا ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيسى قورال كۈچى ئارقىلىق سۇرايابانى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ براگادا كوماندىرىئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئەنگىليەنىڭ كۆپلىگەن قوشۇنى سۇراياباغا بېسىپ كىرىپ، يولسىزلىق قىلغان ۋە يەرلىك خەلقنى شەرتسىز ھالدا تەسلىم بولۇشقا زورلىغان. سۇرايابا خەلقى مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغداش ئۈچۈن ئەنگىليە تاجاۋۇزچى ئارمىيسى بىلەن يىگىرمە بىر كۈن قانلىق جەڭ قىلغان. ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى زور دەرىجىدە چىقىم تارتقاندىن كېيىن شەھەر رايونىنى ئىشغال قىلغان. ھىندۇنېزىيە سۇرايابا جېڭىدە ئۆلگەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرلەش ئۈچۈن 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىنى <ئىنقىلابىي قۇربانلار بايرىمى> (ياكى <قەھرىمانلاربايرىمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قىلىپ بەلگىلىگەن