Uyghur←ChineseMain Dictionary
سۇ قۇسۇش
بىئولوگىيە
吐水
tǔshuǐ
زىدىلەنمىگەن يوپۇرماقنىڭ ئۇچى ياكى گىرۋىكىدىكى سۇ چىقىرىش ئورگانلىرىدىكى سۇ قوسۇش تۆشۈكىدىن سۇيۇقلۇق تامچىسى سىرغىپ چىقىش ھادىسىسى سۇ قۇسۇش دەپ ئاتىلىدۇ. سۇنىڭ سۇ چىقىرىش ئورگىنى ئارقىلىق سىرتىغا سىرغىپ چىقىشنى ياغاچلىق قىسىمدىكى ھەر قايسى تەركىب سۇيۇقلۇقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن ھاسىل بولغان بېسىم كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سۇ چىقىرىش ئورگىنىنىڭ ئۆزىدىكى بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بۇ خىل بېسىم كۈچى ئادەتتە يىلتىز بېسىمى بىلەن ئوخشاش دەپ قارىلىدۇ. بۇ بېسى ئادەتتە ياغاچلىق قىسىمدىكى توشۇغۇچى قاناللاردا ھاسىل بولۇپ، ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقى ۋە سۇ قۇسۇش تۆشۈكى ئارقىلىق سۇنى ئۆسۈملۈك تېنى سىرتىغا ئىتتىرىپ چىقىرىدۇ. سىرغىتىپ چىقىرىلغان سۇيۇقلۇق ساپ سۇ بولماستىن بەلكى تەركىبىدە قەنت، ئامىنوكىسلاتا ۋە مىنېرال تۇزلار بولغان ئۆسۈملۈك تەنچە سۇيۇقلۇقىدىن ئىبارەت. بەزى ئۆسۈملۈكلەر نىسبەتەن كۆپ مىقداردا سۇ قۇسىدۇ. مەسىلەن، ھىندىستاندىن چىقىدىغان بىر خىل ياڭيۇنىڭ يۇمران يوپۇرمىقى بىر كېچىدە 100 مىللىلىتردىن كۆپرەك سۇ قۇسىدۇ. ئۆستۈرۈش ئەمەلىيىتىدە، سۇ قۇسۇش مايسا يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ھاياتلىق كۈچىنىڭ كۆرسەتكۈچى قىلىنىدۇ.