Chinese→UyghurMain Dictionary
嗦囊
Domain: بىئولوگىيەپوكان
<دانلىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قۇشلار ياكى بوغۇم تەنلىك ھايۋانلارنىڭ قىزىلئۆڭگىچىنىڭ ئارقا ئۇچىدىكى ۋاقىتلىق ئوزۇقلۇق ساقلايدىغان كۆپكەن (كېڭەيگەن) قىسمى. قۇشلار يېگەن ئوزۇقلۇقىنى ئالدى بىلەن پوكاندا تۇرغۇزۇپ، نەملەپ يۇمشاتقاندىن كېيىن، ئاندىن ئالدىنقى ئاشقازان ۋە تاشلىققا ئۆتكۈزۈپ ھەزىم قىلىدۇ. كەپتەرنىڭ پوكىنى بالا بېقىش مەزگىلىدە <كەپتەر سۈتى> دەپ ئاتىلىدىغان پىشلاقسىمان بىر خىل سۈت سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ باچكىسىنى باقىدۇ. زۇلۇكنىڭ قىزىلئۆڭگىچىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا 11 جۈپ پوكان تۇتىشىپ كىرگەن بولۇپ، زۇلۇك تويغاندىن كېيىن، پوكىنىدا ساقلانغان قان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان ئۈچەيلىرىنىڭ نەچچە ئاي ھەزىم قىلىشىغا ۋە پايدىلىنىشىغا يېتىدۇ.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.