Chinese→UyghurMain Dictionary
索里利亚.德.圣马丁
دۇنيا تارىخى
زوررىللادې سېن مارتېن
(1857 - 1931) ئوراگۋايلىق شائىر. يازغۇچى، سىياسىي ئوبزورچى. ئادوۋكات، پروفېسسور، پارلامېنت ئەزاسى، دىپلومات قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. گېزىت تەسىس قىلىپ ھۆكۈمەتنى سۆككەنلىكتىن ئارگېنتىنادا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشكە مەجبور بولغان. ئۇزاق ۋاقىت تەرجىمىھال، سىياسىي ئوبزور ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئوبزورچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ <ۋەتەن ھەققىدىكى رىۋايەتلەر> دېگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك داستانىدا مىللىي مۇستەقىللىك مەدھىيلەنگەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى تەشۋىق قىلىنغان. <تابارې> دا ئىندىئان ئارىلاش قېنىدىن بولغان ياش تابارېنىڭ ئىسپان قىزى بولانكا بىلەن بولغان مۇھەببەت پاجىئەسى تەسۋىرلەنگەن، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا خېلى تەسىرى بار.