Uyghur←ChineseMain Dictionary
سۇننى مەزھىپى
Domain: دۇنيا تارىخى逊尼派
xùn ní pài
ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ چوڭ مەزھەپ. سۈننەت (ئەرەپچە<ھەرىكەت>،<يول> دېگەن مەنىدە) تىن كەلگەن بولۇپ، سۈننەتكە ئەمەل قىلغۇچىلار دېگەنلىك. <قۇرئان>غا ئېتىقاد قىلىدۇ، <ھەدىس>كە ئەمەل قىلىدۇ، ئۆزىنى ئەنئەنىچىلەر دەپ ئاتايدۇ. سىياسىي جەھەتتە شىئە مەزھىپى بىلەن قارىمۇ قارشى. ئۇلار ئەڭ دەسلەپكى تۆت خەلىپىنى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ قانۇنىي ۋارىسى دەپ ئېتىراپ قىلغان. خەلىپىلەرنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان. ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ مەزھەپنىڭ فىقھشۇناسلىقى تەرەققى تاپقان، ھەنەفىي، شافىي، مالىك، ھەنبەلىيدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئېقىم مەيدانغا كەلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.