Uyghur←ChineseMain Dictionary
سۇنگا سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
巽加王朝
xùn jiā wáng cháo
قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماگادھا سۇلالىسى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 187 - 75). تەخمىنەن مىلادىدىن 718 يىل ئىلگىرى سۇنگا مىللىتىدىن پۇشيامىترا ماۋوريا سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى بۇلھادرادانى قەتىل قىلىپ، ئۆزىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن (مىلادىدىن ئىلگىرى 151 - 718)ۋە سۇنگا سۇلالىسىنى قۇرۇپ، يەنىلا پاتالىپۇترا شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 10 پادىشاھ تەختتە ئولتۇرغان، ئۇ چاغدا ماگادھا دۆلىتىنىڭ زېمىنى كۆپلەپ ئازىيىپ، ئاساسلىقى پاتالىپۇترا شەھىرىدىن نابادا دەرياسىغىچە بولغان جايلار قېپقالغان، پەنجاپ رايونىدىمۇ بەلگىلىك كۈچى ساقلانغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 75 يىل ئىلگىرى ئاخىرقى پادىشاھ دېۋابھۇمى بىر ئايال قۇل تەرىپىدىن قەتىل قىلىنغان، ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىنى پىلانلىغۇچى براخمان چوڭ ۋەزىر فاسوربا تەختنى تارتىۋالغان، كانۋا خانلىقى مەزكۇر سۇلالىنىڭ ئورنىنى ئالغان.