UyghurMain Dictionary
سۇندا دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ياۋا ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. 11 - ئەسىردىن بۇرۇن قۇرۇلغان. دەسلەپ سىرىۋىجاياغا قارىغان بولۇپ، كېيىن مۇستەقىل بولغان. 14 - ئەسىردە پاكۇئان (بۈگۈنكى بېيتېنزورگنىڭ يېنىدا)نى پايتەخت قىلغان. مادجاپاشىت دۆلىتىگە قارشى جەڭ قىلىپ، مۇستەقىللىكنى قوغداپ قالغان. 15 - ئەسىردە تاشقى سودا راۋاج تاپقان. 16 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىدا بانتېن دۆلىتى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.