Uyghur←ChineseMain Dictionary
سۇمېرلار
ئۇنىۋېرسال,تارىخ
苏美尔人
sū měi ěr rén
دۇنيادىكى مىللەتلەر
苏美尔人
sū měi ěr rén
سۇمېرلار قەدىمكى غەربىي ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5000 - يىللىرى ئەتراپىدا، مېسوپوتامىيە (ئىككى دەريا) نىڭ جەنۇبىي قىسمى (ھازىرقى ئىراق تەۋەسى) دە ئولتۇراقلاشقان.
سۇمېرلارنىڭ ئىرقى تەركىبى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدىكى قاراشلار تېخى بىرلىككەد كەلمىدى. بەزىلەر ئۇلاrنى شەرقىي تاغلىق راايوندىن كۆچۈپ كەلگەن دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەرد كاسپىي دېڭىزى ئەتراپىدىن كۆچۈپ كەلگەن دەپ قارايدۇ.
سۇمېرلار سۇمېرد تىلىنى قوللانغان، بىراق بۇ تىل مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 - يىللىرى ئىستېمالدىن قالغان. ئالىملار بۇ تىلنى ئاسىيا تىل تۈركۈمىگە كىرىدۇ دەپ قارايدۇ.
سۇمېرلار ئەڭ قەدىمكى يېزىق شىنا (مىخ) سىمان يېزىقىنى كەشىپ قىلىپ قوللانغان.
سۇمېرلار سۇغىرىلىدىغان دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان؛ دېھقانچىلىقتا ئارپا، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرگەن.
سۇمېرلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 - يىللىرىنىڭ بېشىدىلا قۇللۇق تۈزۈمىدىكى بىر مۇنچە شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ، ھەيۋەتلىك ئىبادەتخانا، ئوردا - قەسىرلەرنى بىنا قىلغان.
سۇمېرلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ[KG-*2]Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە، ئاككادلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، پەيدىنپەي ئاككادلار بىلەن ئۆزلىشىپ كەتكەن. ئالىملار سۇمېرلارنى قەدىمكى مېسوپوتامىيە مەدەنىيىتىگە ئاساس سالغۇچىلار دەپ قارايدۇ؛ ئۇلار ياراتقان يېزىق دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي يېزىقلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ كېيىنكى فىنكىيە يېزىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي ئاسىيا مىللەتلىرى يېزىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلاردىن قالغان مەدەنىيەت تارىختا <سۇمېر - بابىل مەدەنىيىتى> دەپ ئاتىلىدۇ.
قەدىمكى سۇمېرلاردىن قالغان بىر مۇنچە ئەپسانە - رىۋايەت، داستان، چۆچەكلەر كېيىنكى غەربىي ئاسىيا ئەللىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.
سۇمېرلار يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق تۇنجى قەمەرىيە (ئاي) كالېندارىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭدا بىر يىل 12 ئاي، ئۇنىڭ ئىچىدە 6 ئاينى 29 كۈن، 6اينى 30 كۈن قىلىپ، بىر يىلنى جەمئىي 354 كۈن ھېسابلىغان.
دۇنيا تارىخى
苏美尔人
sū měi ěr rén
مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسىم رايونى (ھازىرقى ئىراق تەۋەسىدە)دا ئولتۇراقلاشقان قەدىمكى زامان خەلقىنىڭ نامى. مىلادىدىن تەخمىنەن 4000 يىللار ئىلگىرى ئۆپچۆرىسىدە ئوبېد مەدەنىيىتى دەۋرىدە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇلارنى بەزىلەر شەرقىي تاغلىق رايوندىن كەلگەن دېيىشسە، يەنە بەزىلىرى كاسپى دېڭىزى ئەتراپىدىن كەلگەن دەيدۇ. تاشقى قىياپەت خۇسۇسىيتى بويى پاكار، تىمەن، باش سۆڭىكى يۇمىلاق، قاڭشىرى ئېگىز، بوينى قىسقا، تاقىرباش كەلگەن بولۇپ، قايسى ئىرققا تەۋەلىكى ئېنىق ئەمەس. مىلادىدىن 3000 يىللار ئىلگىرى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئېرىدۇ، ئۇر، ئۈرۈك، لاگاش قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىنى بەرپا قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى ⅣⅩ ئەسىردە سەمىتلەرنىڭ ئاككاد پادىشاھلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. مىلادىدىن 3000 يىللار ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە سۇمېرلار بىلەن ئاككادلار پەيدىنپەي قوشۇلۇپ كەتكەن. سۇمېرلار مېسوپوتامىيە ۋادىسى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغۇچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سۇمېر يېزىقى (مىخ يېزىق)ھازىرغىچە مەلۇم بولغان يېزىقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قەدىمكى يېزىقلارنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇ فىنكىيە يېزىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. كېيىنكى غەربىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ يېزىقىنىڭ پەيدا بولۇشىغازور تەسىر كۆرسەتكەن.