UyghurMain Dictionary
سۇلتان ھەسەن مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مىسىردىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى قاھىرەدىكى قەدىمىي قەلئە كوچىسى بىلەن سالاھىددىن مەيدانى قوشۇلغان جايدا. بۇ مەسچىتنى مەملۈك سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ھەسەن بىننى ناسىر مۇھەممەد (1347 - يىلىدىن 1351 - يىلىغىچە، 1354 - يىلىدىن 1361 - يىلىغىچە ئىككى قېتىم تەختتە ئولتۇرغان) 1356 - يىلى سالدۇرغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. مېھرابقا رەڭلىك مەرمەر تاشتىن ئىشلەنگەن ياپراقلار ئورنىتىلغان. گۈمبەزنىڭ شىمالىدىكى ياغاچ ئويمىغا ئالتۇن ھەل بېرىلگەن. گۈمبەزگە كىرگىلى بولىدىغان بىر نەچچە دەرۋازا بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە ئىككى پەشتاق بار. مەسچىتنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپ، نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىنىپ، ئۈچ تىلدا پۈتكۈزۈلگەن. ئۆز ۋاقتىدا مەدرىسە قىلىنىپ، تۆت چوڭ فىقھە ئېقىمىدىكىلەر مۇشۇ يەردە دەرس ئۆتكەن. ھازىر مىسىردىكى قەدىمىي بىنا ۋە ئاسار ئەتىقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.