UyghurMain Dictionary
سۇللا
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى 138 - 78)قەدىمكى رىم باش قوماندانى. مۇستەبىت. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بۇرۇن مارىئۇسنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە بولۇپ، نومىدىيە (شىمالىي ئافرىقىدا) پادىشاھى يۇگۇرتاغا قارشى ئۇرۇشقا (مىلادىدىن ئىلگىرى 106 - 105) ۋە شىمالدىكى گېرمانلارغا قارشى ئۇرۇشقا (مىلادىدىن ئىلگىرى 102 - 101) قاتناشقان ھەمدە باش سودىيە بولغان (مىلادىدىن93 يىل ئىلگىرى). مىلادىدىن ئىلگىرى 90 - 88 - يىللىرى ئىتالىيىدىكى ئىتتىپاقچىلار ئۇرۇشىغا قاتناشقان. مارىئۇس بىلەن قاتتىق ھوقۇق تالاشقان. مىلادىدىن 88 يىل ئىلگىرى سناتورلارنىڭ قوللىشى بىلەن كونسۇل بولۇپ،قوشۇن تارتىپ شەرققە (مېتىرىدات ئۇرۇشى) يۈرۈش قىلغان. مارىئۇس تەرەپدارلىرى ئۇنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتقاندا، سۇللا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ رىم شەھىرىگە بېسپ كىرىپ، مارىئۇس تەرەپدارلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، شەرققە يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغان. مارىئۇس كېننا بىلەن بىرلىشىپ رىمدا ھاكىمىيەتنى ئىگەللەپ، سۇللانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن. شەرقتە مىترىدات Ⅵنى مەغلۇپ قىلىپ،مىلادىدىن 84 ياكى 83 يىل ئىلگىرى، 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ ئىتالىيىگە قايتىپ كەلگەن. مارىئۇس تەرەپدارلىرى قارشىلىق كۆرسىتىپ (مارىئۇس بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن) مەغلۇپ بولغان. سۇللا رىمغا كىرىپ (مىلادىدىن 82 يىل ئىلگىرى) مارىئۇس تەرەپدارلىرىنى <ئورتاق دۈشمەن> دەپ جاكارلاپ، ھەدەپ قىساس ئېلىپ، قىرغىن قىلغان؛ مال - مۈلۈكلىرىنى مۇسادىر قىلغان. ئۆزى ئۆمۈرۋايەتلىك دىكتاتۇر بولىۋالغان. سىناتورلار بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ كۆپى سۇللاچىلاردىن بولغان. پۇقرالار يىغىنى بىلەن خەلق ترىبونلىرى قۇرۇق نەرسە بولۇپ قالغان. ئاقسۆڭەك قۇلدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئاددىي خەلققە پايدىلىق بولغان بارلىق تەدبىرلەر (مەسىلەن، ئەرزان باھا بىلەن ئاشلىق تارقىتىپ بېرىش قاتارلىق) بىكار قىلىنغان. تالان - تاراج قىلىۋالغان يەرلىرىنى 120 مىڭ پارچىغا بۆلۈپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن <پىشقەدەم ئەسكەرلەر>گە تەقسىم قىلىپ بەرگەن. مىلادىدىن 79 يىل ئىلگىرى ئۇ ئۆمۈرۋايەتلىك دىكتاتورلۇق مەنسىپىدىن ۋاز كىچىپ، پۇتولى (كامپانىيىدە) دىكى قورۇقىغا كەتكەن. بىراق رىمنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. مىلادىدىن 78 يىل ئىلگىرى كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. پادىشاھلارچە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ھەربىي ھاكىممۇتلەقلىكى رىم جۇمھۇرىيىتىگە قاتتىق زەربە بولغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئىز باسقۇچى