Chinese→UyghurMain Dictionary
苏捷瓦助条约
دۇنيا تارىخى
سوۋېت - چېخوسلوۋاكىيە ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى
تولۇق ئاتىلىشى: <چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى> 1935 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن چېخوسلوۋاكىيە پراگادا ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامە گېرمانىيە فاشستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خەۋپى كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان، گېرمانىيەنىڭ تاجاۋۇزىدىن كوللىكتىپ مۇداپىئە كۆرۈشنى مەقسەت قىلغان، شەرق ئەھدىنامىسى پىلانى مەغلۇپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئىمزالانغان. ئاساسىي مەزمومى: سوۋېت ئىتتىپاقى ياكى چېخوسلوۋاكىيە تەرەپ ھەرقانداق ياۋرۇپا دۆلىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خەۋپىگە ياكى تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان چاغدا، ئىككى دۆلەت دەرھال ئۆز - ئارا بىر - بىرىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. چېخوسلوۋاكىيە تەرەپنىڭ قاتتىق تۇرۇۋېلىشى بىلەن، شەرتنامىدە فرانسىيە تاجاۋۇزچى قىلىنغۇچى دۆلەتكە ياردەم بەرگەن ئەھۋال ئاستىدىلا، سوۋېت، چېخوسلوۋاكىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا بىر -بىرىگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار دېگەننى بەلگىلىگەن. فرانسىيە ئەنگلىيەگە ئەگىشىپ مادارچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن، 1938 - يىلدىكى سوېت كرىزىسى ۋە 1939 - يىلى 3 - ئايدا گېرمانىيە چېخوسلوۋاكىيەنى يۇتۇۋالغان چاغدا، بۇ شەرتنامە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان.