UyghurMain Dictionary
سۇڭجىياڭ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى شاڭخەي شەھىرىنىڭ سۇڭجىياڭ ناھىيىسىدىكى گاڭبېڭ كوچىسىدا. رىۋايەتلەردىن قارىغاندا، سۇڭجىياڭ ئاق تۇرنىلارنىڭ ماكانى ئىكەن. يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مەسچىت ئاق تۇرنىنىڭ شەكلىگە ئوخشىتىپ سېلىنغاچقا، «ئاق تۇرنا مەسچىتى» دەپمۇ ئاتالغان. مەسچىتنىڭ سېلىنغان ۋاقتى توغرىسىدا بەزىلەر سۇڭجياڭنى ساقلاۋاتقان غەربىي يۇرتنىڭ مۇسۇلمانلىرى 1295 - يىلى سالدۇرغان دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر دارۇغاچ نەسىرىددىن 1341 - يىلىدىن 1368 - يىلىغىچە سلدۇرغان دەيدۇ. مەسچىت خاتىرىسىدىن قارىغاندا، 1391 - يىلى قايتا سېلىنغان. 1407 -، 1535 -، 1582 -، 1685 -، 1677 -، 1812 -، 1822 -، يىللىرى كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان، كېڭەيتىلگەن، زىننەتلەنگەن. 1985 - يىلى يەنە بىر قېتىم رېمونت قىلىنغان. بۇ مەسچىت قەبرىستانلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. ئاساسىي ئىمارەتتە جۇڭگونىڭ ئوردا شەكلى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ گۈمبىزى بىرلەشتۈرۈلگەن بىناكارلىق ئۇسلۇبى چىقىپ تۇرىدۇ. دەرۋازىسى شىمالغا قويۇلغان. دەرۋازا بېشىغا «سوۋغات بىناسى» دېگەن خەتلەر ئويۇلغان. دەرۋازا ئىچىدىكى دالدا تامغا «مەسچىت» دېگەن سۆز يېزىلغان. ئىككىنچى دەرۋازىدىن كىرگەندە تام بولۇپ، تامنىڭ سىرتقى قەبرىستانلىق. سۇڭجياڭدا ۋاپات بولغان مۇسۇلمانلار مۇشۇ يەرگە قويۇلغان. تامنىڭ يېنىدا نەسىرىددىننىڭ مەقبەرىسى ۋە كاڭشى زامانىدا تۇرغۇزۇلغان تاش ئابىدە بار. تامنىڭ ئىچى مەسچىت رايونى بولۇپ، ئەزان مۇنارىسى بىلەن نامازخانىنىڭ بىرى شەرقتە، بىرى غەربتە بولۇپ، بىر - بىرىگە ئۇدۇل تۇرىدۇ. ئەزان مۇنارىسى خىش بىلەن قوپۇرۇلغان. سىرتقى قەسىر شەكلىگە ئوخشايدۇ. ئۈستىگە خىش بىلەن ئەرەبچە گۈمبەز ياسالغان. ئىگىزلىكى تۆت مېتىر كېلىدۇ. تامغا خىشتىن ئويما چىقىرىلغان. نامازخانا مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ياغاچ قۇرۇلمىلىق زال شەكلىدە سېلىنغان. نامازخانىنىڭ جەنۇب ۋە شىمال تەرەپلىرىدە دەرسخانا، سەراپ قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ئابىدىلەردە مەسچىتنىڭ ئۆزگىرىشى خاتىرىلەنگەن.