Chinese→UyghurMain Dictionary
速古台王朝
دۇنيا تارىخى
سۇكوتاي خاندانلىقى
تايلاندتىكى قەدىمكى خاندانلىق. جۇڭگو تارىخىدا شيەنگو دەپ ئاتالغان. 1238 - يىلى تاي مىللىتىنىڭ ئاتامانى كۇنباڭ كلاڭتاۋ كېخمىر ئىمپېرىيسى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۆزىنى سىرى ئىندرا پادىشاھى دەپ ئاتاپ، ھازىرقى سوڭجيالونى پايتەخت قىلىپ دۆلەت قۇرغان. راماكامخېڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (تەخمىنەن 1275 - 1317) زېمىنىنى كېڭەيتىپ، شىمالدا مېكوڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلارغىچە، جەنۇبتا مالاي يېرىم ئارىلىدىكى لۇكىنخىچە يەتكەن؛ بۇددا دىنى مۇشۇ مەزگىلدە تارقىلىپ كىرگەن؛ تاي تىلىنى كىخمېر يېزىقىدا يازغان، كېيىن تاي يېزىقىنى ئىجاد قىلغان؛ ھىندىستان ۋە جۇڭگو بىلەن زىچ ئالاقە ئورناتقان، بۇ، سۇلالىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولغان. كېيىن پەيدىنپەي زاۋالغا يۈز تۇتقان. تەخمىنەن 1350 - يىلى ئايۇتيا خاندانلىقىغا بېقىنغان. 1378 - يىلى سۇكوتاي قولدىن كېتىپ، پايتەختى پېكىشلوغا يۆتكەلگەن. 1438 - يىلى ئايۇتيا خاندانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.