Chinese→UyghurMain Dictionary
苏格兰
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
sū gé lán
سكوتلاندDئۇنىۋېرسال
sū gé lán
شوتلاندىيە
Dئۇنىۋېرسال
sū gé lán
شوتلاندىيە تايغىنى
苏格兰〈英、美、奥〉
sū gé lán
سكوتلاند
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شوتلاندىيە
ياۋروپانىڭ غەربىي شىمالىدىكى چوڭ برىتانىيە ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر جۇغراپىيىلىك رايون ئۇنىڭ يەر مەيدانى 78 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. شىمالىي قىسمىدا ئېگىزلىكلەر، گرامپيان قاتارلىق تاغلىقلار، ئوتتۇرا قىسمىدا ئويمانلىقلار بار. بۇ جايدىكى نېۋس چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 1343 مېتىر بولۇپ، ئەنگلىيە بويىچە ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. شوتلاندىيىنىڭ جەنۇبىدا تېيتىي، كىلايد دەريا ۋادىلىرى جايلاشقان، شىمالىي دېڭىز قىرغاقلىرىدا تار كەتكەن دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى بار. شوتلاندىيىنىڭ ئاھالىسى 5 مىليون 180 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981) بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى شوتلاندىيە خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، مەركىزى ئېدىنبۇرگ شەھىرى. شوتلاندىيە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەمۇرىي رايون، ئۆزىنىڭ قانۇنى، مائارىپ، يېزا ئىگىلىك، بېلىقچىلىق ۋە باشقا مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى بار. شوتلاندىيە يېزا ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ ئەنگلىيىنىڭ مۇھىم چارۋىچىلىق رايونى، چارۋىچىلىق زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ئاساسەن كالا، قوي، چوشقا بېقىلىدۇ. دېھقانچىلىقى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان، ئاساسەن يەم - خەشەك، بۇغداي، قارا بۇغداي، ئارپا ئۆستۈرۈلىدۇ. سانائىتىدە كۆمۈر، كان، مېتاللۇرگىيە، كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. 70 - يىللاردىن بۇيان شىمالىي دېڭىز نېفىتلىكىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ جاينىڭ نېفىت ئايرىش، خىمىيە قاتارلىق سانائەتلىرى ئەڭ ئاساسىي سانائەت تارماقلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.