Uyghur←ChineseMain Dictionary
سۇفى مەزھىپى
تارىخ
苏非派
sū fēi pài
دۇنيا تارىخى
苏菲派
sū fēi pài
ئىسلام دىنىدىكى مىستىتىزم ۋە زاھىدلىق مەزھىپى. مىلادى Ⅷ ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاددىي - ساددىلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، داۋاملىق قوپال يۇڭ رەختتىن كىيىم كىيىپ يۈرگەنلىكتىن كىشىلەر بۇلارنى <سۇفى> (ئەرەبچە <قوپال يۇڭ توقۇلما كىيىملىكلەر>مەنىسىدە) دەپ ئاتىغان. بۇ مەزھەپ تەلىماتىنىڭ شەكىللىنىشىگە يېڭى ئەپلاتونچىلىق، ھىندىستان يۇگا مەزھىپى، خرىستىئان دىنى بىلەن يەھۇدىي دىنى تەسىر كۆرسەتكەن. كىشىلەرنى نەپسىنى يىغىپ، ھەممە ئارزۇ - ھەۋەستىن ۋاز كېچىپ، زىكرى - تىلاۋەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاغا يېقىنلىشىشنى كۆزلەپ، <ئىنسان بىلەن ئاللانىڭ بىرلىكى>دىن ئىبارەت يۈكسەك مەنزىلگە يېتىشنى تەشەببۇس قىلغان. دەسلەپكى پائالىيىتى تەشكىلسز بولغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ نۇرغۇنلىغان دىنىي گۇرۇھلار شەكىللەنگەن بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇرۇشلۇق ئورنى، رەسىم - قائىدىلىرى ۋە ئىبادەت شەكىللىرى بارلىققا كەلگەن. ئىران، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاپكاز قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ھېلىمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەتلەردە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.