Uyghur←ChineseMain Dictionary
سۈت نەيچىسى
بىئولوگىيە
乳叶管
rǔyèguǎn
بەزى ئۆسۈملۈكلەر تېنىدىكى ئىچىدە سۈت ساقلىنىدىغان نەيسىمان تۈزۈلۈش. ئۇ بوغۇملۇق سۈت نەيچىسى بىلەن بوغۇمسىز سۈت نەيچىسىگە بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى بىر ھۈجەيرىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ھۈجەيرىسى شاخلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى بىر قانچە مېتر كېلىدۇ. تال گۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر. چىڭگىلىك ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، ئۈجمە ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، چاققاق ئائىلىسى ۋە سۈتلۈك ئوت ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردە بولىدۇ. كېيىنكىسى كۆپ ھۈجەيرىنىڭ تۇتىشىپ ئوتتۇرىدىكى توسۇقنىڭ تېشىلىشىدىن ھاسىل بولغان كۆپ يادرولۇق سىستېما بولغاچقا، قوڭقۇراقگۈل ئائىلىسى، جۇخار گۈل ئائىلىسى، ئەپيۇنگۈل ئائىلىسى، يۆگەي ئائىلىسى، كارىكا دەرىخى ئائىلىسى، بانان ئائىلىسى ۋە برازىلىيە كاۋچۇك دەرىخى قاتارلىقلاردا بولىدۇ. سۈت نەيچىسى كۆپىنچە ئۆسۈملۈكنىڭ ئەۋرىشىملىك قىسمىغا تارقىلىدۇ، باشقا قىسىملىرىدىمۇ بولىدۇ. سۈت سۈت نەيچىسى ئىچىدىكى ھۈجەيرە سۇيۇقلۇقى بولۇپ، ئاق ياكى سارغۇچ بولىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، كاۋچۇك (مەسىلەن، برازىلىيە كاۋچۇك دەرىخىى، ئېۋكوممىيە دەرىخى)، ئۆسۈملۈك ئىشقارى (مەسىلەن، ئەپيۇنگۈل) قەنت تۈرىدىكى ماددىلار (مەسىلەن، جۇخار گۈلى ئائىلىسى)، ئېنزىم تۈرىدىكى ماددىلار (مەسىلەن، كارىكا دەرىخى) ھەمدە تاننىن، كراخمال، ئاقسىل قاتارلىقلار بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە كاۋچۇك سانائەت ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم ماددا ھېسابلىنىدۇ. سۈتنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل بولغاچقا، سۈت نەيچىسىنىڭ رولىمۇ ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئوخشاش بولمىغان ئالىملار ئۇلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا توشۇغۇچى توقۇلما، زاپاس ساقلىغۇچى توقۇلما ياكى ئاجرىتىپ چىقارغۇچى توقۇلمىغا كىرگۈزىدۇ.
ئۆسۈملۈك,ئۇنىۋېرسال
乳汁管
rǔ zhī guǎnDئۇنىۋېرسال
输乳管
shū rǔ guǎnDتېببىي
乳液管
rǔ yè guǎnDتېببىي
输乳管
shū rǔ guǎnDئاناتومىيە
输乳管
shū rǔ guǎnDئاناتومىيە
输乳管
shū rǔ guǎn