UyghurMain Dictionary
سۈرۈك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پادا، توپ:
زەمان دەبئى بولدى دىل ئازرلىق،
سۈرۈك ناتەۋانلارغا دىشۋارلىق.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پادا، توپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەلگىلەپ قويۇلغان ۋاقىت، چەك قويۇلغان ۋاقىت.
<مۆھلەت>، <سۈرۈك> پۈتتۈرۈشكە ياكى قايتۇرۇشقا بەلگىلەنگەن ۋاقىت.
<ئىددەت> ئەردىن چىققان خوتۇننىڭ ھامىلدار ياكى ھامىلدار ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن چەكلەنگەن ۋاقىت.
ئىشقا ياراپ قالسا ئىلىمىڭ بىر مۇددەت، يەنە ئاشۇرۇشقا قىلغىن ست شىددەت. قەرزنى قەرەلىدە قايتۇر. ئىددەت تۇتۇش ياخشى ئادەت. سۈرىكى توشقان نەرسىنى ۋەدە بويىچە ۋاقتىدا قايتۇرۇش لازىم.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
توپ، پادا، گۇرۇھ. مەسىلەن: مېلىمنى سۈرۈككە قوشتۇم. سايدا كىيىكلەر سۈرۈكى بىلەن يۈرۈيدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سۈرۈك.
ھايۋانلار توپى. بىر سۈرۈك قوي _ بىر توپ قوي. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۈگۈر سۈرۈك قوي تەۋى يۇندى بىلە
يۇمۇرلايۇ ئەركەنىن سۈتىن ساغار
ئۇيۇر - سۈرۈك قوي، تۆگە، يىلقا بولسا گەر،
يىغىپ كېلىپ ئۆز ئەركىچە سۈتنى ساغار.
بىر كىمنىڭ قوي، تۆگە، يىلقا پادىلىرى بولسا، ئۇلارنى ئۆزى خالىغانچە يىغىپ كېلىپ، سۈتىنى ساغىدۇ.
1 - 505
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
<قا> دەۋا قانۇنىدا، دەۋا سۇبيېكتىپنىڭ ۋە باشقا ئىشتىراكچىلارنىڭ دەۋا پائالىيىتى باشلانغان ۋە ئاخىرلاشقان ۋاقىت كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن چەك بەلگىلەپ بېرىلگەن ۋاقىت، مۆھلەت، مۇددەت.
ئۈچ كۈنلۈك سۈرۈك بەرمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. پادا؛ توپ.