Uyghur←ChineseMain Dictionary
سۈرىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
叙利亚战争
xù lì yà zhàn zhēng
ئانتىيوك ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىمنىڭ سېلېئۇكو پادىشاھلىقى (سۈرىيە)نىڭ پادىشاھى ئانتىيوك Ⅲ بىلەن قىلغان ئۇرۇش. ئانتىيوك Ⅲ (<ئۇلۇغ خان>)نىڭ زېمىن ئىگىلىۋېلىش قارا نىيىتى بولغاچقا، رىم ماكېدونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان پەيتتە، مىلادىدىن 197 - 196 يىل ئىلگىرى، كىچىك ئاسىيا ئارقىلىق ھېللېسپوندىن ئۆتۈپ ماكېدونىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى تراكىيە رايونىنى بېسىۋالغان. شەرققە كېڭەيگەن رىم ئانتىيوك Ⅲ دىن ئىگىلىۋالغان يەرلەردىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىپ، رەت قىلىنغان. مىلادىدىن 192 يىل ئىلگىرى ئانتىيوك يۇنانغا قوشۇن تارتىپ، رىم بىلەن روبىرو توقۇنۇشۇپ قالغان، شۇنداق قىلىپ، سۈرىيە ئۇرۇشى پارتلىغان. ئىككىنچى يىلى ئانتىيوك تېرموپلې دېگەن جايدا رىملىقلار تەرىپىدىن يېڭىلىپ ئاسىياغا قايتىپ كەلگەن. مىلادىدىن 190 يىل ئىلگىرى كىچىك ئاسىيادىكى ماگنېسىيە ئەتراپىدا يەنە رىم بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئاكا - ئۇكا سىپىئولار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. مىلادىدىن 188 يىل ئىلگىرى تۈزۈلگەن سۈلھ شەرتنامىدە: ئانتىيوك Ⅲ بېسىۋالغان تراكىيە ۋە كىچىك ئاسىيادىن ۋاز كېچىش، ئونئىككى يىل ئىچىدە رىمغا 15 مىڭ تارانتوم (ئېئوبىيە پۇل قىممىتى) تۆلەش، شۇنىڭدەك جەڭ يىللىرى ۋە جەڭ كېمىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىن تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن. ئاقىۋەت، يۇنانلاشتۇرۇلغان چوڭ دۆلەت سۈرىيە (جۇڭگو تارىخ كىتابلىرىدا <ئانتىيوكىيە> دەپ ئاتىلىپ) بارا- بارا ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنىنى يوقاتقان.