UyghurMain Dictionary
سۈپۈرگە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈپۈرۈش - يامداش ئۈچۈن، سۈپۈرگە، شىۋاق، چىغ، چىغان، يامداقتىن باغلاپ - تىكىپ ياسالغان جاھاز.
«يامداق» شۇ ناملىق ئوتتىن ياسىلىدۇ، قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
بوشاڭ كېلىننىڭ سۈپۈرگىسى ئەخلەت ئاستىدا. يامداقنى يەرگە تىك قويما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
توپا - چاڭ، ئەخلەت - چاۋارلارنى سۈپۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان سايمان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
سۈپۈرگە. ئاتا ـ ئانىلار بالىسىغا كۆز تەگمەسلىك ئۈچۈن قۇيىدىغان ئىسىم.