Uyghur←ChineseMain Dictionary
سۈمۈرۈش
بىئولوگىيە
吸收
xīshōu
<ئابسوربېتسىيە> دەپمۇ ئېلىنىدۇ. ئۇزۇقلۇقنىڭ ھەزىم قىلىنىش مەھسۇلاتلىرى (ئامىنو كىسلاتا، گلۇكوزا، ماي كىسلاتاسى ۋە گلتسېرىن) شۇنىڭدەك سۇ، تۇز، ۋىتامىن قاتارلىقلارنىڭ ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى ئارقىلىق قان سۇيۇقلۇقى ۋە لىمفاغا كىرىش جەريانى. ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنىڭ سۈمۈرۈش فۇنكسىيىسى ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىنىڭ توقۇلما تۈزۈلۈشىگە شۇنىڭدەك ئوزۇقلۇقنىڭ ھەزىم قىلىنىش دەرىجىسىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى ۋە قىزىلئۆڭگەچ ئوزۇقلۇقىنىڭ ھەزىم قىلىش يولىغا كىرىشتىكى باشلىنىش قىسمى بولۇپ، سۈمۈرۈش رولى يوق. ئاشقازان پەقەت ئاز مىقداردىكى سۇ ۋە ئىسپىرتنى سۈمۈرىدۇ. ئوزۇقلۇق بوتقىسى (خىلوس، يىن) ئاشقازان ۋە ئىنچىكە ئۈچەيدە ھەر خىل ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقلىرى ئارقىلىق ھەزىم قىلىنغاندىن كېيىن ئىنچىكە ئۈچەيگە كەلگەندە سۈمۈرۈشكە بولىدىغان ئاددىي ماددىلارغا ئايلىنىدۇ. ئىنچىكە ئۈچەي ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن قىسمى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 5 - 6 مېتىرغا يېتىدۇ، ئۈچەيدىكى ماددىلار ئۈچەي ئىچىدە ئۇياق - بۇياققا سىلجىپ توختاش مەزگىلى ئۇزۇنراق بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچەي شىللىق پەردىسىدە ھالقىسىمان قاتلاقلار ھەم زور مىقداردىكى بارماقسىمان تىۋىت (<ئىنچىكە ئۈچەي تىۋىتلىرى> گە قارالسۇن) ئۆسۈكچىلىرى بولغاچقا، ئىنچىكە ئۈچەينىڭ ئۈچەيدىكى ماددىلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىش يۈزىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان بولۇپ، ئىنچىكە ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈشىگە پايدىلىق. شۇڭا ئىنچىكە ئۈچەي ئوزۇقلۇق ماددىلار سۈمۈرۈلىدىغان ئاساسىي ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. چوڭ ئۈچەي پەقەت قىسمەن سۇ ۋە نىئورگانىك تۇزلارنى سۈمۈرىدۇ. ئىنچىكە ئۈچەي سۈزۈش (فىلتىرلەش)، تارقىتىش، سىڭدۈرۈش قاتارلىق فىزىك - خىمىيىلىك شەكىللەر بىلەن سۈمۈرگەندىن باشقا يەنە ئىنچىكە ئۈچەي شىللىق پەردە ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپ سۈمۈرۈش رولى بولۇپ، مېتابولىزم تەمىنلىگەن ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ ھۈجەيرە پەردىسىگە جايلاشقان توشۇغۇچى تەنلەر ئارقىلىق ئىنچىكە ئۈچەيدىكى ماددىلارنى ھۈجەيرە پەردىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ھۈجەيرە ئىچىگە كىرگۈزىدۇ. ئىنچىكە ئۈچەي سۇ، گلۇكوزا، ئامىنو كىسلاتا، نىئورگانىك تۇز، ۋىتامىن قاتارلىقلارنى سۈمۈرۈپ كاپىلليار قان تومۇرلىرىغا، ئوزۇقلۇق بوتقىسى مىكرو دانىچىلىرى ۋە ماي كىسلاتاسى قاتارلىقلارنى لىمفا كاپىلليار تومۇرلىرىغا ئېلىپ كىرىپ ئەڭ ئاخىرىدا قان ئايلىنىشقا قوشۇلۇپ پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا توشۇپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن تاشقىرى ئىنچىكە ئۈچەي يەنە ھەر خىل ھەزىم قىلىش بەزلىرى ئاجراتقان ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقلىرى تەركىبىدىكى سۇ، نىئورگانىك تۇز ۋە بەزى ئورگانىك ماددىلارنىمۇ سۈمۈرىدۇ، ئادەم كۈنىگە ئاجراتقان ھەر خىل ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقلىرى 6 - 7 لىتىرغا بارىدۇ، ئەگەر سۈمۈرۈۋېتىلمىسە ئورگانىزمنىڭ ئىچكى مۇھىتىنىڭ مۇقىملىقىغا جەزمەن تەسىر يەتكۈزۈپ كېسەللىك ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلىشى تۇرغان گەپ.
تاشيول قۇرۇلۇشى,فىزىكا,گىئولوگىيە
吸附
xī fùDكومپيۇتېر
吸收
xī shōuDپارقازان، بېسىملىق باك
吸收表面
xī shōu biǎo miànDماتېماتىكا
吸收
xī shōuDپارقازان، بېسىملىق باك
吸入,吸引,吸气
xī rù ,xī yǐn ,xī qì xī qìDتەبىئىي جۇغراپىيە
吸收
xī shōuDپارقازان، بېسىملىق باك
吸引,吸入
xī yǐn ,xī rùDپارقازان، بېسىملىق باك
吸收,吸附
xī shōu ,xī fùDپارقازان، بېسىملىق باك
سۈمۈرۈش (ئابسوربسىيە)
吸附,吸收
xī fù ,xī shōuDپارقازان، بېسىملىق باك
进气孔,吸入口
jìn qì kǒng ,xī rù kǒuDماشىنىسازلىق
抽吸
chōu xīDنىفىت
抽汲
chōu jíDنىفىت ئايرىش
抽吸
chōu xīDماشىنىسازلىق
吸收
xī shōuDخىمىيە
吸收
xī shōuDئېلېكترون، ئۇچۇر
سۈمۈرۈش (ناسوس بىلەن )
抽吸(用泵抽)
chōu xī (yòng bèng chōu )Dتەنتەربىيە
吸收
xī shōuDتېببىي
吸人
xī rénDپارقازان، بېسىملىق باك
吸气
xī qì