UyghurMain Dictionary
سۈلكەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۆرمەتلەش، تارتىنىش، ماتەم بىلدۈرۈشكە ئوخشاش ئىشلاردا قىلىنىدىغان ئادەت شەكلى، بۇلارنى ئاشۇرۇپ ئادا قىلىش.
دوستلار ئارا ئوشۇقچە سۈلكەت ئوشۇقچە ئىللەت. تەكەللۇپ ئەدەبكە ياتىدۇ، ئېشىپ كەتسە خۇشامەتكە. ئاچ مۈشۈك چاشقاننى كۆرسە تۈزۈت قىلمايدۇ. تەۋاززۇ بول، تەۋاززۇ _ كەمتەرلىكنىڭ بەلگىسى.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
تەكەللۇپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
جەمئىيەتتە، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئۆزىنى تۇتۇش تەرزى؛ مىجەز - خۇلق، قىلىق.
سۈلكەت ئاتا قىلماق.
تەكەللۇپ.
بىر چاغدا، تۇيۇقسىزلا ھېلىقى دەللە كىرىپ <ئەسسالام!> دېگىنىچە يۈز سۈلكەت، مىڭ تەزىم بىلەن سۇپىغا كېلىپ بىر چەتتىن ئورۇن ئالدى.