UyghurMain Dictionary
سۈ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەتنىڭ قۇرۇللىق تەشكىلاتى.
قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى؛ دېڭىز ئارمىيىسى؛ ھاۋا ئارمىيىسى. خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 8 - ئارمىيىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنغان. قوشۇن خىل، مەمۇرىيەت ئىخچام بولسۇن. مىسىر زۇڭتۇڭى مۇبارەك 1991 - يىل 8 - ئايدا، مىسىرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ۋە كۇۋەيتتىن بارلىق قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلق قوراللىق قىسىملىرى؛ ساقچى قىسىملىرى. كۆپ دۆلەت قىسىملىرى 1991 - يىل 8 - ئايدا ئىراق، كۇۋەيت چېگرىسىدىن چىقىپ كېتىشكە باشلىدى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قوشۇن، ئەسكەر.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئوتاغقا ئۆپكەلەپ سۈگە سۆزلەمەدۈك _ ھەمراھلىرىغا ئاچچىقلاپ، قوشۇنغا گەپ قىلمىدى، يەنى چېدىردىكى ھەمراھلىرىغا ئاچچىقلاپ، ئەسكەرلەرگە گەپ قىلمىدى. بۇ ماقال بىر كىمنىڭ قىلغان ئىشىغا ئاچچىقلىنىپ، باشقا دوستلىرىغىمۇ تەتۈر قاراپ يۈرگەن كىشىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
(بۇ شېئىرنىڭ ئىككىنچى مىسراسىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئورنى ئاق قالغان. بەزى سۆزلەرنىڭ ھەرىكىلىرى قويۇلمىغان، بېسىم ئاتالاي بۇ مىسرانى بىر نەچچە خىل چۈشەندۈرۈپ شۇنىڭ بىرىدە « قارىقار تاغ تابا» دەپ «تاغدىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قار توزىنى كۆتۈرۈلدى» دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك دەيدۇ، بىز بۇ مىسرانى ئەرەپچە ئىبارىنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلدۇق.)
سۈ كەلدى يېر ياپا
قارار قار ...............
قاچتى ئاڭار ئالپ ئايا
ئۇفۇت بولۇپ ئول ياشار
يەر يۈزىنى قاپلاپ ئەسكەر كەلدى،
قارلىق تاغلارنى توزان قاپلىدى،
ئالپ ئايا شۇڭا قاچتى،
يېڭىلگەنلىكتىن يوشۇرۇندى.
يەر يۈزىنى قاپلاپ ئەسكەر كەلدى، ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن چىققان چاڭ - توزان ئۇپۇقنى ۋە قارلىق تاغلارنى قاپلىدى، شۇڭا ئالپ ئايا دېگەن كىشى قاچتى، ئۇ يېڭىلگەچكە ئۇيۇلۇپ يۇشۇرۇندى.
3 - 289