Uyghur←ChineseMain Dictionary
سۇ بۈرگىسى
بىئولوگىيە
水蚤
shuǐzǎo
دافنىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ قاسىراقلىقلار سىنىپىنىڭ دافنىيە ئائىلىسىگە كىرىدۇ، ئوڭ - سول يانلىرى ياپىلاق، بوغۇملىرى ئېنىقسىز. سۈزۈك كەلگەن ئىككى شاكال قاسىرىقى تېنىنىڭ سىرتىنى ئراپ تۇرىدۇ، ئىككى قاسىرىقى، دۈمبىسىنىڭ ئوتتۇرا سىزىقىدا ئۆزئارا تۇتىشىدۇ. باش قىسمى قاسىراق سىرتىغا ئۇزىراپ چىققان، قارا رەڭلىك. ئېنىق مۇرەككەپ كۆزلىرى ھەمدە كرىستال تېنى بولىدۇ. ھايات كەچۈرۈۋاتقان مەزگىلدە مۇرەككەپ كۆزى توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدۇ. كرىستال تېنى بولمىغان ئاددىي كۆز مۇرەككەپ كۆزى بىلەن بىرىنچى ئانتېننىسى ئارىلىقىغا جايلاشقان. ئىككىنچى ئانتېننىسى تەرەققىي قىلغان ھەم ئىككىگە شاخلانغان بولۇپ، ئاساسلىق ئۈزۈش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ، كۆكرەك پۇتى بەش جۈپ، قۇيرۇق ئاچىسى تىرناقسىمان. ئادەتتە ئەتىياز، ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە ئۇنىڭ كۆپىيىشىگە قولايلىق بولغان مۇھىتتىلا پەقەت چىشى تەننىنىلا كۆرگىلى بولىدۇ ھەمدە تاق جىنسلىق كۆپىيىپ، تۇخۇم سېرىقى ئازراق، تۇخۇم پەردىسى نېپىزرەك، <يازلىق تۇخۇم> دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك تۇخۇملارنى تۇغىدۇ ھەمدە ئۇرۇقلانمايل يېتىلىپ، تۇخۇمدىن چىقالايدۇ، ياشاش مۇھىتى قولايسىز مەزگىلگە كەلگەندە ئەركەك تەنىلەر پەيدا بولۇشقا باشلاپ قوش جىنسلىق (چېتىشىپ) كۆپىيىدۇ، تۇغقان تۇخۇملىرى <يازلىق تۇخۇم> دىن چوڭ، تۇخۇم سېرىقى مول، تۇخۇم پەردىسىمۇ قېلىنراق بولۇپ، ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن <قىشلىق تۇخۇم> ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ <ئۈچەك تۇخۇم> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تۇخۇم شاكال ئىچىدە ئۈچەككە كىرىپ كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا مۇھىت شارائىتى ياخشىلانغاندا يېتىلىشكە باشلاپ تۇخۇمدىن يېڭى چىشى تەن چىقىدۇ. سۇ بۈرگىسى بەزى تاتلىق سۇلاردىكى بېلىق باقمىچىلىقىنىڭ (بولۇپمۇ بېلىجانلارنىڭ) ئەلا سۈپەتلىك ئوزۇقى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
水蚤
shuǐ zǎoDتەنتەربىيە
鱼虫
yú chóng