Uyghur←ChineseMain Dictionary
ستېۋېنسون
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
史蒂文森
shǐ dì wén sēn
دۇنيا تارىخى
斯蒂文生
sī dì wén shēng
(1850 - 1894) ئەنگىليىلىك يازغۇچى، شائىر، يېڭى رومانتىزمچىلارنىڭ ۋەكىلى. شوتلاندىيىنىڭ ئېدىنبۇرگ دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا تېنى ئاجىز، كېسەلچان بولۇپ، سىل كېسىلى بىلەن ئاغرىغان. ياش ۋاقتىدا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ئۆگەنگەن، كېيىن قانۇن ئۆگىنىپ، ئادۋوكات سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، ئەمما ساياھەت قىلىشۋە يېزىقچىلىققا قىزىققان. دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە ساياھەت خاتىرىسى ئاساس قىلىنغان، مەسىلەن: <ئىچكىرىگە ساياھەت>، <ئېشەكلىك ساياھەت> قاتارلىقلار. كېيىنكى ئەسەرلىرىنىڭ تولىسىدا ئويدۇرما ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلەر ۋە تارىخىي تېما ئاساس قىلىنغان، مەسىلەن: <يېڭى مىڭ بىر كېچە>، <ئالتۇن - كۈمۈش ئارىلى>، <مۇجەسسەم دوكتور>، <باغلاش>، <قارا يا ئوقى> قاتارلىقلار. تەسەۋۋۇردىكى دۇنياغا ھەددىدىن ئارتۇق چۆمۈلگەنلىكى ئۈچۈن،ئەسەرلىرىنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ئاجىزلىشىپ كەتكەن. 1887 - يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان. 1890 - يىلىدىن كېيىن تىنچ ئوكياندىكى سامويا تاقىم ئاراللىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيىلەر سامويانى تالاشقان چاغدا، ئۇ سامويا خەلقىغە ھېسداشلىق قىلغان.
دۇنيا تارىخى
史蒂文森
shǐ dì wén sēn
(1900 - 1965) ئامېرىكا ئەمەلدارى. دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزاسى. دەسلەپتە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى زاپاس قىسمىدا ئەسكەر بولغان، 1922 - يىلى پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنە ھاۋر قانۇن ئىنىستىتۇتى ۋە غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئۇقۇغان. 1927 - 1940 - يىللىرى چىكاگودا ئادۋوكاتلىق قىلغان ھەمدە يېزا ئىگىلىكنى تەڭشەش مەھكىمىسى بىلەن ئىتتىپاق ئىسپىرت مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە يادەمچىسى، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنىڭ پەۋقۇلئاددە ياردەمچىسى بولغان. كېيىن ئامېرىكىنىڭ ب د ت سان - فرانسىسكو يىغىنىغا قاتناشقۇچى ۋەكىلى، ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ۋە ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. 1948 - يىلى ئىللىنويىس شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. شتات باشلىقى بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا ساداقەتمەنلىك قەسەمياد قانۇنىنى رەت قىلىپ ئاۋاز بەرگەن. 1961 - يىلى ب د تدا تۇرۇشلۇق ئىچكى كابىېنت ئەمەلدارى دەرىجىلىك باش ئەلچىسى بولغان. ئۇنىڭ <ئۇلۇغ چاقىرىق>، <ئىتتىپاقداشلار ۋە رەقىبلەر> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.