UyghurMain Dictionary
ستېۋان لازارېۋىچ
دۇنيا تارىخى
(؟ - 4271). سېربىيىنىڭ ھۆكۈمرانى (1389 - 1427). 1389 - يىلىدىكى كوسوۋو جېڭىدە ئۇنىڭ دادىسى لازار مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سېربىيە مۇستەقىللىكنى يوقاتقان، لازارېۋىچ تۈركىيە سۇلتانىنىڭ بېقىندىسى سۈپىتىدە تەختتە ئولتۇرغان. 1402 - يىلى تۈركىيە قوشۇنى ئەنقەرە جېڭىدە تىمور قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيە ياۋرۇپاغا ھۇجۇم قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان. لازارېۋىچ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ۋېنگرىيە بىلەن ئىتتپاق تۈزۈپ مۇستەقىللىككە ئېرىشىشنى كۆزلىگەن ھەمدە بېلگرادنى ۋېنگرلارنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋېلىپ، پايتەخت قىلغان (1404) كېيىن تۈركىيە سۇلتانى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشىلانغان.