UyghurMain Dictionary
سىتسىلىيە كەچلىك ئىبادەت قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1282 - يىلى سىتسىلىيە خەلقىنىڭ فرانسيە فېئوداللىرىغا قارشى قوزغىلىڭى، ئىبادەتخانىنىڭ كەچلىك ئىبادەت ئۈچۈن ئۇرغان قوڭغۇراق ئاۋازىنى بەلگە قىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1268 - يىلى فرانسىيە ئانجو گرافى چارلېس سىتسىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىپ، سىتسىلىيە ۋە جەنۇبىي ئىتالىيە (<سىتسىلىيە پادىشاھلىقى>غا قارالسۇن)نى باشقۇرغان. فرانسىيە فېئوداللىرى يانچىلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، جانبېجى ئېلىپ، شەھەر ئىگىلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە فرانسىيە ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىشى سىتسلىيە خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. 1282 - يىل 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سىتسىلىيەنىڭ مەركىزى پالېرمودىكى خەلق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پالېرمودىكى فرانسىيە مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنى دېگۈدەك يوقاتقان. 4 - ئايدا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پۈتۈن سىتسىلىيىنى ئىگىلىگەن، قوزغىلاڭغا بىرمۇنچە يەرلىك فېئودال پومېشچىكلارمۇ قاتناشقان. شۇ يىلى قوزغىلاڭچىلارنىڭ يۇقىرى قاتلىمى ئاراگون پادىشاھى پېدرو Ⅲ
(1270 - 1285 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان)نى قوشۇمچە سىتسىلىيە كورۇلى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان (Ⅰدەپ ئاتىلىپ، 1282 - 1285 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان). 1302 - يىلى ئاراگون سۇلالىسى سىتسىلىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقنى رەسمى ئورناتقان.