Uyghur←ChineseMain Dictionary
سترېسا يىغىنى
دۇنيا تارىخى
斯特雷萨会义
sī tè léi sà huì yì
ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت گېرمانىيىنىڭ <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى>غا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئاچقان خەلقئارا يىغىن. 1935 - يىلى 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، گېرمانىيە <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى>نىڭ ھەربىي ئىشلارغا دائىر ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ، ۋېرسال سېستىمىسىغا قاتتىق زەربە بەرگەن. فرانسىيىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ئارقىسىدا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە 4 - ئاينىڭ 11 - 14 - كۈنلىرى ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى سترېسادا يىغىن ئېچىپ، <ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ سترېسا يىغىنىدا چاقىرغان ياۋروپا مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى>نى ماقۇللاپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ شەرقىي ياۋرۇپانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بېكىتكەن؛ ئاۋسترىيىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە پۈتۈنلۈكىنى ساقلاشنىڭ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق سىياسىتىنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان؛ گېرمانىيىنىڭ <ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى>دىكى بەلگىلىمىلەرگە بىرتەرەپلىمە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يېڭىۋاشتىن قوراللانغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەنگىلىيە بىلەن ئىتالىيە <لۇگگارۇس ئەھدىنامىسى>دا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، ئۈچ دۆلەت بارلىق ئەمەلىي، يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سۈلھ شەرتنامىسىنى بىر تەرەپلىمە بىكار قىلىپ ياۋرۇپا تىنچلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشقا ھەمدە مۇشۇ مەقسەتتە زىچ ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغان. يىغىن ئىتالىيىنىڭ ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا سۈكۈت قىلغان. سترېسا يىغىنى يۇقىرىقى قۇرۇق قارارنى ئېلان قىلغاندىن باشقا، ھېچقانداق ئەمەلىي تەدبىر قوللانمىغان.