Uyghur←ChineseMain Dictionary
ستوۋاتسكى
Domain: دۇنيا تارىخى斯洛伐茨基
sī luò fá cí jī
(1809 - 1849). پولەك شائىرى. ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ۋىلنوس داشۆسىدە ئوقۇغان. 1830 - يىلى پولشا قوزغىلىڭى پارتلىغان چاغدا، <مەدھىيە ناخشىسى>، <ئەركىنلىككە مەدھىيە> قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، خەلقنى مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. 1831 - يىلى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېين شۋېتسارىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان، كېيىن ئىتالىيە، گرېتسىيە، ئىسپانىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرغان. ئەسەرلىرىدە پولشا خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىكىنى تەلەپ قىلىدىغان كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، ئۇششاق ئاقسۆڭەك ئىنقىلابچىسىنىڭ خەلقتىن ئايرىلغان ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ <كولدىئان>، <باللاتىننا>، <لىللا ۋىنندا>، <خام خىيال>، <پەرىشتە قەھرىمان>، <بىلىياۋىسكى> (تۈگىمىگەن) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.