Uyghur←ChineseMain Dictionary
ستولېتوۋ
دۇنيا تارىخى
斯托列托夫
sī tuō liè tuō fū
(1839 - 1896). روسيىلىك فىزىك. سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، گېرمانىيىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1866 - يىلى ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1873 - يىلى پروفېسسور بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مۇۋەپپىقىيىتى ماگنىت ئىلمى ۋە فوتو ئېلېكترلىق ھادىسە جەھەتتەبولۇپ، فوتو ئېلىكترلىق تەسىرنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى تاپقان، يەنە تۆمۈرنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىپ، ئېلېكتر ماشىنىلىرىنىڭ مۇۋاپىق ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ ئاساسىنى سالغان. فىزىكىدىكى ئىدېئالىستىك پىكىر ئېقىمىغا قارشى تۇرۇپ، ماتېرىيالىزمنى قوغدىغان.