Uyghur←ChineseMain Dictionary
ستويانوۋ
دۇنيا تارىخى
斯托扬诺夫
sī tuō yáng nuò fū
(1850 - 1889). بۇلغارىيىلىك ئىنقىلابچى، يازغۇچى. ياش ۋاقتىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1875 - يىلىدىكى ستارا زاگورا قوزغىلىڭى ۋە 1876 - يىلىدىكى ئاپرېل قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە قاتناشقان. 80 - يىللارنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە <ئىشچىلار گېزىتى> ۋە <كۈرەش گېزىتى>نىڭ ئوبزورچىسى ۋە تەھرىرى بولغان. ئەسلىدە رادىكال دېموكرات مەيدانىدا تۇرغان بولسىمۇ، كېيىن ئوڭ قاناتقا ئۆزگىرىپ، خانپەرەسلەرنىڭ ئەكسىيەتچى مۇستەبىتلىكىنى ھىمايە قىلغان. 1880 - يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.<بۇلغارىيىدىكى بىرقانچە قېتىملىق قوزغىلاڭ خاتىرىسى> ۋە لېۋسكىي، كاراۋېلوۋ، بوتېۋلارنىڭ تەرجىمىھاللىرى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.