Uyghur←ChineseMain Dictionary
سىسېرو
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
西塞罗
xī sāi luó
دۇنيا تارىخى
西塞罗
xī sāi luó
(مىلادىدىن ئىلگىرى 106 -43) قەدىمكى رىم سىياسىيونى، ناتىقى ۋە پەيلاسوپى. ئارپىنۇم (ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا)دىكى رىتسار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا رىم، ئافىنا قاتارلىق جايلاردا قانۇن، سىتىلىستىكا ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن. مىلادىدىن 70 يىل ئىلگىرى نۇتۇق سۆزلەپ سىتىسىليىنىڭ باش ۋالىيسى ۋېررېسنىڭ خىيانەت قىلىپ، قانۇننى بۇزغانلىقىنى پاش قىلىپ، سىياسىي سەھنىدە نامى چىققان. مىلادىدىن 63 يىل ئىلگىرى كونسۇل بولۇپ، سېناتتا كاتىلىناغا قارشى نۇتۇق سۆزلىگەن؛ سېناتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي <سۈيقەستچىلەر> نى قوراللىق باستۇرغان. ئالدىنقى ئۈچلەر ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىن سۈرگۈن قىلىنغان (مىلادىدىن 56 يىل ئىلگىرى رىمغا قايتىپ كەلگەن).مىلادىدىن 51 يىل ئىلگىرى چىلىچىيە (ئوتتۇرا ئاسىيادا)نىڭ باش ۋالىيسى بولغان. كائېسار بىلەن پومپېينىڭ <ئىچكى ئۇرۇشى> مەزگىلىدە پومپېينى قوللىغان. كائېسار ھاكىممۇتلەقلىك قىلغاندا، ئىېتىبارسىز قالغان. ئەمما ئەپۇ قىلىنغان. كائېسار قەتىل قىلىنغان (مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى) دىن كېيىن، جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بېرىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن ئانتونىغا قارشى نوتۇق سۆزلەپ، سېناتتا باش ئورۇنغا ئىگە بولغان. كېيىنكى ئۈچلەر ئىتتىپاقى قۇرۇلغان(مىلادىدىن 43 يىل ئىلگىرى)دىن كېيىن، ئانتونىنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئۆلتۈرۋەتكەن. كۆپ خىل ئەسەرلىرى بار. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان نوتۇقلىرى 50 پارچىدىن ئارتۇق (ئاساسىي مەزمونى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك). ئىدېئالىستىك پەلسەپە جەھەتتە (ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ تەبىرى توغرىسىدا) <ئىلاھنىڭ تەبىئىتى توغرىسىدا> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار، تەربىيلىنىش توغرىسىدىكى ئەسەرلىرىدىن <قېرىلىق ھەققىدە>، <دوستلۇق ھەققىدە> قاتارلىقلار بار؛ ئاكادېمىكلار ۋە ستوئىكلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، كېلىشتۈرمىچىلىك تۈسىنى ئېلىپ، پەقەق يۇنان پەلسەپىسىنى ئاممىباپلاشتۇرۇش جەھەتتىلا مەلۇم تۆھپە قوشقان. يەنە <دۆلەت توغرىسىدا>، <قانۇن توغرىسىدا> قاتارلىق سىياسىي ماقالىلىرى بار ھەمدە كۆپلىگەن خەت - چەكلىرى ساقلىنىپ قالغان. قەلىمى راۋان ھەمدە گۈزەل بولۇپ، كېيىنكىلەر لاتىن ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىسى دەپ نام بەرگەن.