UyghurMain Dictionary
سېسىق كېكىرمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يېگەن نەرسىلىرىنىڭ ياخشى ھەزىم بولۇپ كېتەلمىگەنلىك ياكى جىق يەۋەتكەنلىك نەتىجىسىدە سېسىق پۇراقلىق بىر خىل كېكىرىك چىقارماق.
سارىخان ئاپىسى ئەكىلىپ قويغان ئالدىدىكى تاماققا قاراپ كۆڭلى تېخىمۇ ئېلىشقاندەك بولدى - دە، سېسىق كېكىرىپ تەتۈر قارىۋالدى.
كۆچمە. ئىنتايىن بىزار بولماق، ناھايىتى ئۆچ بولۇپ كەتمەك، تويۇپ كەتمەك