UyghurMain Dictionary
سىسموندى
دۇنيا تارىخى
(1773 - 1848) شۋېتسارىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، تارىخشۇناس. ئىقتىسادىي رومانتىزمنىڭ ئاساسچىسى، كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادنىڭ فرانسىيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىلى. جەنۋەدە پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. فرانسىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئىتالىيىلەردە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ، 1800 - يىلى شۋېتسارىيىگە قايتىپ كەلگەن. پۈتۈن ھاياتىدا ئاساسەن ئىقتىساد ۋە تارىخ ئەسەرلىرى يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان، ئىقتىسادىي ئەسەرلىرىگە كۆپىنچە تارىخ ئامىللىرى كىرگۈزۈلگەن، تارىخ ئەسەرلىرىدە بولسا ئىقتىسادىي ئامىللارنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىيغا بولغان تەسرىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن. دەسلىپىدە ئادام سىمىت ئىقتىسادىي ئىدىيىسىنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولغان؛ سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئاممىغا كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرىنى ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسلارنىڭ كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكتىن، كاپىتالىزم ۋە كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادنى تەنقىد قىلىدىغان بولغان. ئۇ، ئېھتىياج تەمىنلەش بىلەن ئېستىمالنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمالنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم؛ ئادىل بولمىغان تەقسىمات كىرىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ۋە ئىستېمالنى يېتىشمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ، ئەركىن رىقابەت، ئۆز نۆۋىتىدە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ چەكسىز ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نەتىجىدە مەھسۇلات ئىشلىتىلمەي، ئاخىر كرىزىس كېلىپ چىقىدۇ؛ دۆلەت ھاكىمىيىتى ئىقتىسادىي تۇرمۇشقا ئارىلىشىپ، خەلقنىڭ پاراۋانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇششاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈستۈنلۈك ئورۇندا تۇرغان ئىجتىمائىي تەرتىپنى كاپالەتلەندۈرۈش لازىم، دەپ قارىغان. كاپىتالىزمنى كەسكىن تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي ئىسلاھات لايىھىسى چېكىنىش خاراكتىرىدە بولغان. <سودا بايلىقى ھەققىدە>، <ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىتالىيىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر تارىخى>، <سىياسىي ئىقتىسادنىڭ يېڭى قائىدىلىرى>، <ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى> قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلىرى بار.