Uyghur←ChineseMain Dictionary
سېرۋى تۇللىئۇس
دۇنيا تارىخى
塞维.图里乌
sāi wéi .tú lǐ wū
رىۋايەتلەردىكى رىم پادىشاھلىق ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى 6 - پادىشاھ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 785 - 534). ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئايال قۇلنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئايال خوجايىن ياقتۇرۇپ قالغانلىقتىن، سابىق شاھ تاكۋىن پرىسكۇنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىپ ھەمدە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئىتىرولىيالارنىڭ رىمدىكى ھۆكۈمرانى. تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، رىم سېپىلىنى سالدۇرغان، مېتال پۇل قويدۇرغان، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان: مال - مۈلۈكنىڭ ئاز - كۆپلىكىگە قاراپ، رىملىقلارنى بەش دەرىجىگە ئايرىپ،ھەرقايسى دەرىجىلىكلەر مۇناسىپ ھالدا يۈز كىشلىك پوللك (سىنتورىيە) چىقارغان. بىرىنچى دەرىجىلىكلەر يۈز مىڭ ئاسقا تەڭ كېلىدىغان مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇپ، ئېغىر قورال بىلەن قوراللانغان 80 پىيادە ئەسكەرلەر يۈز كىشلىك پولكى ۋە 18 ئاتلىق ئەسكەرلەر يۈز كىشلىك پولكى چىقارغان، ئىككىنچى دەرىجىلىكەر، 75 مىڭ ئاس مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇپ، ئېغىر قورال بىلەن قوراللانغان 22 پىيادە ئەسكەرلەر پولكى چىقارغان، ئۈچىنچى دەرىجىلكلەر 50 مىڭ ئاس مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇپ، ئېغىر قورال بىلەن قوراللانغان 20 پىيادە ئەسكەرلەر پولكى چىقارغان. تۆتىنچى دەرىجىلىكلەر 25 مىڭ ئاس مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇپ، يىنىك قورال بىلەن قوراللانغان 22 پىيادە ئەسكەرلەر پولكى چىقارغان، بەشىنچى دەرىجىلىكلەر، 11 مىڭ ئاس مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇپ، يىنىك قورال بىلەن قوراللانغان 30 پىيادە ئەسكەرلەر پولكى چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا پرولېتارلار دەرىجىگە كىرگۈزۈلمەي، يېنىك قورال بىلەن قوراللانغان بىر پىيادە ئەسكەرلەر پولكى چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يۈز كىشلىك ئۆمەك كېڭىشى (سىنتورىيە كېڭىشى) تەسىس قىلىنىپ، مۇھىم ھوقۇققا ئىگە بولغان، ھەربىر يۈز كىشلىك ئۆمەك بىر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، بىرىنچى دەرىجىلىكلەر 193 ئۆمەكنىڭ ئىچىدە 89 ئۆمەكنى ئىگىلەپ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلغان. ئەسلىدىكى كورىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئەھمىيىتى بارا - بارا يوقالغان. ئادەتتە بۇ ئىسلاھات رىمنىڭ ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىن سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتكەنلىكنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ.