Uyghur←ChineseMain Dictionary
سىرىۋىجايا
دۇنيا تارىخى
室利佛逝
shì lì fó shì
قىسقارتىلىپ ۋىجايادەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن مىلادى Ⅶ ئەسىردە سۇماترا ئارىلىنىڭ شەرقىي - جەنۇبىدا قەد كۆتۈرگەن، پايتەختى پالېمباڭ. دەسلەپتە مالەيۈگە بېقىندى بولغان، كېيىن مۇستەقىل بولغان ھەمدە مالەيۈ قاتارلىق دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرغان. Ⅷ ئەسىردە سەيلېندىرا خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە گۈللىنىپ، قۇدرەت تېپىپ، كالىنگا بەگلىكىنى مەغلۇپ قىلىپ، ياۋا ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى، مالاي يېرىم ئارىلى بىلەن كامبۇدژانىڭ بەزى جايلىرىنى ئىشغال قىلىپ، قۇدرەتلىك دېڭىز ئىمپېرىيىسىگە ئايلىنىپ، جۇڭگو، ھىندىستان، ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا، قاتناش تۈگۈنىنى كونترول قىلىۋالغان. مەملىكەت ئىچىدە بايلىقى مول، سودا ئىشلىرى تەرەققى تاپقان، مەدەنىيىتى گۈللەنگەن بولۇپ، سانسىكرت يېزىقىنى قوللانغان. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. دەسلەپتە ھىنايانا مەزھىپىگە مەنسۇپ بولۇپ، كېيىن ماھايانا مەزھىپى ئەۋج ئېلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. 1025 - يىلى جەنۇبىي ھىندىستاندىكى كولا خانلىقىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن، كېيىن پايتەختنى جەمبىگە يۆتكىگەن. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مادجوپاخىت خانلىقى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. سىرىۋىجايا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى قۇيۇق بولۇپ، 670 - يىلدىن (تاڭ سۇلالىسى شيەنفېڭنىڭ 1 - يىلى) 1178 - يىلى (سۇڭ سۇلالىسى چۈنشىنىڭ 5 - يىلى)غىچە جۇڭگوغا نەچچە ئون قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق راھىبى يىجىڭ سىرىۋىجايانى زىيارەت قىلغان. 1003 - يىلى (سۇڭ سۇلالىسى تيەنپىڭنىڭ 6 - يىلى) سىرىۋىجايا خانى سىلىجۇلوۋۇنىفوما جۇڭگودىن ئىبادەتخانا مىمارچىلىقىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن ھەمدە ئىبادەتخانا نامى قۇڭغۇراقنى ئىنئام قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان.