UyghurMain Dictionary
سىرتتىن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
تاشقى يۈزىدىن، بىر چېتىدىن، تېشىدىن.
سىرتتىن ئۇرۇنغان چەمبەر. سىرتتىن ئۇرۇنغان كۆپ تەرەپلىك.
تاشقىي كۆرۈنۈشىگە قارىغاندا، ئەپتىدىن، زاھىرەن.
ئۇ سىرتتىن باتۇردەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى توخۇ يۈرەك بىر نېمە ئىدى.
غايىبانە.
بىز سىرتتىن تونۇشىمىز.
غەيرىي رەسمىي ئەزا ياكى ۋەكىل سۈپىتىدە.
سىرتتىن قاتناشماق. سىرتتىن ئاڭلىماق.
ئوقۇش يۇرتىغا قاتنىماي.
سىرتتىن ئوقۇش.
ئۆزى يوق يەردە، ئۆزىگە بىلدۈرمەي، ئارقىسىدىن.
مېنى سىرتىمدىن ئەزا قىلىپ قويغانىكەن.