Uyghur←ChineseMain Dictionary
سىرتقى غىلاپ پەردىسى
بىئولوگىيە
外套膜
wàitàomó
مانتىل دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋان تېنىنىڭ سىرتىنى يېپىپ تۇرىدىغان پەردىسىمان ماددا. قۇلۇلە، سەدەپ، كاراكاتسىيە قاتارلىق مولليۇسكلار، لىنگۇلا (دېڭىز ئۈندۈرمە پۇرچىقى) قاتارلىق بېغىش پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت. گەۋدە قىسمى تېرىسىنىڭ بىر قىسمىنىڭ پۈرۈلۈپ ئۇزىرىشىدىن شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ شەكلى ھەر خىل ھايۋانلارغا قاراپ ئوخشاشمايدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ دۈمبىسىگە قاپلانغان؛ بەزىلىرىدە گەۋدىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ؛ يەنە بەزىلىرىنىڭ پەقەت باش قىسمىدىن باشقا پۈتۈن ئىچكى ئورگانلار كاللىكىنى كاناي شەكلىدە ئوراپ تۇرىدۇ. ئادەتتە ئۈچ قەۋەتتىن تەركىب تاپقان؛ سىرتقى قەۋىتى بىلەن ئىچكى قەۋىتىنىڭ ھەممىسى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى؛ ئوتتۇرىدىكى بىر قەۋىتى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىدىن ئىبارەت. بەزى تۈرلىرىنىڭ سىرتقى غىلاپ پەردىسى نېپىز ھەم يۇمشاق، سىرتقى يۈزىدە كىرپىك تۈكلىرى بولىدۇ ياكى ئىچكى قىسمىدا زىچ جايلاشقان قان تومۇرلىرى بولىدۇ (مەسىلەن، سەدەپ، قۇلۇلە، ئۈزۈم قۇلۇلىسى قاتارلىقلار)؛ يەنە بەزىلىرىنىڭ موسكۇللىرى مول بولىدۇ (مەسىلەن، كاراكاتسىيە). سىرتقى غىلاپ پەردىسى پۈتۈن ئىچكى ئورگانلار كاللىكى ۋە ژابرانى ئوراپ تۇرىدۇ، بەزىدە پۇتلىرىمۇ ئۇنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىلىقىدا بىر بوشلۇق شەكىللەنگەن بولۇپ، سىرتقى غىلاپ بوشلۇقى دېيىلىدۇ. بوشلۇق ئىچىگە ھەزىم قىلىش چىقىرىۋېتىش، كۆپىيىش قاتارلىق ئەزالىرى ئېغىز ئاچقان. كىرپىك تۈكلىرى تەۋرەنگەن ياكى مۇسكۇللىرى قىسقارغان چاغدا سۇ ئېقىمى قوزغىتىلىپ سىرتقى غىلاپ بوشلۇقىغا كىرىپ - چىقىش بىلەن ئوزۇق تۇتۇش، نەپەسلىنىش، كۆپىيىش ۋە ھەرىكەت قىلىشقا ياردەملىشىشكە قولايلىق يارىتىلىدۇ. سىرتقى غىلاپ پەردىسى يەنە كالتسىيلىق ماددا ۋە مۈڭگۈز ماددىلارنى ئاجرىتىپ سىرتقى قاپچۇقنى شەكىللەندۈرگەچكە ھايۋانلارنىڭ يۇمشاق قىسمىنى قوغداش رولىنى ئوينايدىغان قوغدىغۇچى ئورگان ھېسابلىنىدۇ.