Uyghur←ChineseMain Dictionary
سىرتا
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى锡尔塔
xī ěr tǎ
Domain: دۇنيا تارىخى塞尔塔
sāi ěr tǎ
شىمالىي ئافرىقىدىكى قەدىمكى شەھەر. بۈگۈنكى ئالجىرىيىنىڭ شەرقى شىمالىي قىسمىدىكى كونستانتىندا. كارفاگېنلىقلار قۇرغان. سىرتا دېگەن سۆز ئەسلىدە فىنىكلارنىڭ تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، شەھەر دېگەنلىك. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىردىن باشلاپ،نومىدىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز ھەم خەتەرلىك، ئامپىساگاس دەرياسى ئۇنى ئوتتۇرىغا ئالغان بولۇپ، مۇداپىئە قىلىشقا ئەپلىك. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە نومىدىيىدە ئىچكى ماجىرا يۈز بېرىپ، جۇگۇرتا پادىشاھى بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلغان، بىر تۈركۈم رىم سودىگەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، جۇگۇرتا ئۇرۇشى (مىلادىدىن 111 يىل ئىلگىرى)نى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مىلادى 311 - يىلى ئۇرۇش بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. 313 - يىلى كونىستانتىن Ⅰ ئۇنى قايتا قۇرۇپ، ئىسمىنى ھازىرقىغا ئۆزگەرتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.