Uyghur←ChineseMain Dictionary
سېرىق تەنە
بىئولوگىيە
黄体
huángtǐ
ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ تۇخۇم دېنىدىكى يېتىلگەن تۇخۇم پۈۋەكچىسى تۇخۇم ھۈجەيرىسىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن قېپقالغان تۇخۇم پۈۋەكچە ھۈجەيرىسى دەرھاللا ئۆزگىرىپ سۈزۈك، سېرىق دانىچىلىق ھۈجەيرە توپىغا ئايلىنىدۇ، مانا بۇ سېرىق تەنە بولۇپ، تۇخۇمداندىكى ۋاقىتلىق خاراكتېردىكى بىر خىل ئىچكى ئاجراتما بېزى ھېسابلىنىدۇ. ئاجراتقان گورمونى لۇتېئىن (پىزوگېستېرون) دېيىلىدۇ. ئەگەر چىقىرىلغان تۇخۇم بوغاز بولسا، سېرىق تەنە چوڭىيىدۇ ھەمدە جانلىق (ئاكتىپ) فۇنكسىيىسىنى نەچچە ئايغىچە داۋاملىق ساقلايدۇ. ئەگەر تۇخۇم بوغاز بولمىسا سېرىق تەنە يېرىم ئاي ئىچىدىلا تەدرىجىي سۈپەت ئۆزگەرتىپ قورۇلۇپ ئاخىرى يوقىلىپ كېتىدۇ. لۇتېئىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ۋە سۈت بېزىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكىلىك قىلىپ، بالىياتقۇ سىلىق مۇسكۇلىنىڭ رولىنى ئاجىزلىتىدۇ، شۇ ئارقىلىق ھامىلىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. لۇتېئىن يەنە تۇخۇم چىقىرىشنى تورمۇزلايدۇ. شۇ ئارقىلىق ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن يەنە بوغاز بولۇش پۇرستىدىنى توسىدۇ، ئەگەر لۇتېئىننىڭ ئاجرىلىشى بەك ئاز بولسا، بويىدىن ئاجراپ ېكتىش ئېھتىمالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.